1-ئۆكتەبىر مۇناسىۋىتى بىلەن كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇن
2011.10.03
Kanada-wankower-urumqi-namayish-305 12 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﺍﻧﻜﯘﯞﯦﺮ ﺷﯚﺑﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍﻧﯩﯔ ﯞﺍﻧﻜﯘﯞﯦﺮ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ.
RFA Photo / Kamil Tursun

بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكە سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەش ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى ئىرادىسىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

ۋانكوۋېردىكى سىياسىي پائالىيەتچى ئۆمەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشنى تونۇشتۇردى.

سىياسىي پائالىيەتچى ئۆمەرجان ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋانكوۋېردىكى فالۇڭگوڭچىلار ۋە خىتاي دېموكراتلىرىمۇ ئوخشاشلا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

ۋانكوۋېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كانادا كېلىش تارىخى 10 يىلدىن ئاشمايدۇ. لېكىن، ئۆمەرجان ئەپەندى مەزكۇر شەھەردىكى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقىلى 5 يىل بولۇپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

1-ئۆكتەبىر كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.