بۇ نامايىش يەنە، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاپ خەۋەر قىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەش شۇنداقلا كانادا ھۆكۈمىتىنى يوقىرىقى مەسىلىلەردە، خىتاي دائىرلىرىگە قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتىشكە ئۈندەشنى مەقسەت قىلغان.
ۋانكوۋېردىكى نامايىش، "خىتاي ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشنى توختات! كانادا ئۇيقۇڭنى ئاچ! خىتايغا بېسىم ئىشلەت! خىتاي ساختىپەز! خىتاي يالغانچى!" دىگەنگە ئوخشاش شۇئارلار بىلەن باشلاندى.
بىز نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ھەيئەت ئەزاسى، ئۆمەرجان ئەپەندىنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ بۈگۈنكى نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.
بىز نامايىشچىلار سىپىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ماتھيى خانىمنى زىيارەت قىلىغىنىمىزدا، ئۇ ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلىكلەرنىڭ تەقدىرداش ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە بۇ ئىككى خەلقنىڭ خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئېغىر سىياسى بېسىملىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ: "بۈگۈن شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشىغا بىر ئاي تولغان خاتىرە كۈنىدۇر. مەن 20 يىلدىن بېرى تىبەتنى قوللاش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ كەلگەنلىكىم ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا قانداق بالايى ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى يەنى ئۇلارنىڭ تىبەتلىكلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئېغىر زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. شۇڭا مەن ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە خىتاي دائىرىلىرىگە نارازىلىقىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۈگۈن ئۇلارنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا قاتنىشىۋاتىمەن،" دېدى.
ماتھيى خانىم 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشى ھەققىدە توختىلىپ: "ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق. ئۇيغۇر خەلقى 60 يىلدىن بېرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېغىر سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ۋە دىنىي جەھەتتىكى بېسىملىرىغا ئۇچرىماقتا. بۇ قېتىمقى نامايىشمۇ سەۋرى قاچىسى تېشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق شەكلىدىكى نارازىلىق ھەرىكىتى ئىدى، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ نامايىشنى قوپاللىق بىلەن باستۇرۇپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ پاجىئەلەرگە پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكار بولۇشى كېرەك،" دېدى.
بۈگۈنكى نامايىش 3 سائەتكە يېقىن داۋام قىلدى. بۇ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 5 - ئىيۈل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى 3 - قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.