ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى ۋانكۇۋېر شەھىرىدە نامايىش

ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كانادانىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىدە ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلىكلەر بىرلىكتە بىرلەشمە نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.18

 ۋانكۇۋېردىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشقا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەردىن باشقا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خادىملىرى، كانادا جامائىتى ۋە كوممۇنىستىك تۈزۈمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ۋيېتناملىقلار قاتناشتى.

ئولىمپىكنىڭ ھارپىسىدا،تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ جۈملىدىن، سۆز - مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر ھالدا دەپسەندە قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە نامايىشچىلارنىڭ ئاغزىنى ئاق لاتا بىلەن باغلاپ سۈكۈتتە تۇرۇشى كانادا جامائىتىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.

بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ھەيئەت ئەزاسى ئۆمەرجان ئەپەندى بۈگۈنكى بۇ نامايىشنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇپ، نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى بولغانلىقىنى، كانادا جامائىتىنىڭ بۇ نامايىشقا ئالاھىدە قىزىققانلىقىنى ۋە قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولغانلىقىنى، شۇنداقلا، ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كىرىش ۋاقتىنى ئۇشتۇمتۇت ئالدىغا سۈرۈشنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.   
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.