گېرمانىيىدە ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلىكلەر بىرلىكتە ۋېن جياباۋغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

6-ئاينىڭ 27-كۈنى گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھىرىدە ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەت تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ، ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2011.06.30
wen-jyabaw-germaniyede-namayish1-305.jpg كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن بېرلىندا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ باردى. 2011-يىلى 27-ئىيۇل.
RFA/Ekrem

ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەتنى زىيارەت قىلغان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيىدىكى زىيارىتى 6-ئاينىڭ 27 -كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، 6-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچ سائەت 12:00 بىلەن ميۇنخېن شەھىرىدىن ئىككى ئاپتوموبىلدا يولغا چىققان ئۇيغۇرلار 6-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەردە بېرلىن شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، تىبەتلىكلەر ۋە ئۇيغۇر-تىبەتنى ھىمايە قىلغۇچى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ۋېن جياباۋغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى قىلدى.

نامايىشنى تۈگىتىپ 28-ئىيۇن كۈنى بېرلىندىن ميۇنخېن شەھىرىگە قايتىپ كەلگەن نامايىشچىلاردىن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋېن جياباۋنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت نامايىشچىلىرىنى كۆرگەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ بەزى گېرمان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مېركىل ھۆكۈمىتى ۋە گېرمانىيە دۆلىتىنى ئىقتىسادى مەنپەئەت ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلماسلىققا چاقىرىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

wen-jyabaw-germaniyede-namayish2-385.jpg
كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن بېرلىندا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ باردى. 2011-يىلى 27-ئىيۇل.
RFA/Ekrem

بۇ قېتىمقى نامايىشتا «ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە ئەركىنلىك!»، «خىتايلار ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن!»، «ياۋروپا ۋە گېرمانىيە خىتاينىڭ پۇلىغا ئالدانماڭلار!»، «ياشىسۇن كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە !» دېگەندەك شوئارلار توۋلانغان.

خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرى پاش قىلىنغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقىتىلغان.

29-ئىيۇن كۈنى گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارىلانغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ گېرمانىيە تەرەپ بىلەن 10.5 مىليارد ئويرولۇق ئىقتىسادى كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، مېركىل ھۆكۈمىتىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن. بىراق، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى سەۋەبلىك، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىل خانىم خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارا تىلغا ئالغان. سۈرەتلەر گېزىتىنىڭ 29-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مېركىل خانىم دەل خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىۋاتقاندا، ۋېن جياباۋنىڭ تىڭشىغۇچى بۇزۇلۇپ قېلىپ، تەرجىماننىڭ گېپىنى ئاڭلىيالمىغان. تىڭشىغۇچنىڭ راست بۇزۇلغان ياكى يالغان بۇزۇلغانلىقى ئېنىق ئەمەسكەن. سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر بۇنداق ۋەقەنىڭ بۇ يىل يانۋاردا خۇ جىنتاۋ ئاقسارايدا زىيارەتتە بولغاندىمۇ ئوخشاش شەكىلدە يۈز بەرگەنلىكىنى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئىدىيىسىگە رېئاكسىيە قىلىپلا قالماستىن، بەدەنلىرىگىمۇ رېئاكسىيە قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ھەزىل قىلىشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.