چەتئەللەردە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى نۇرغۇن 'قىزىل چىراقلار'غا يولۇقماقتا

بۈگۈن شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، "ئۈرۈمچى شەھەرلىك چەتئەلدە ئوقۇپ قايتقانلار ئىگىلىك تىكلەش مەركىزى" بىلەن خىتاي ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، بۇندىن كېيىن چەتئەللەردە ئوقۇپ ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلماقچى بولغانلارنى دۆلەتنىڭ ھەرجەھەتتىن ئېتىبار بېرىش سىياسىتىگە ئېرىشتۈرىدىكەن.

0:00 / 0:00

خەۋەردە دېيىلىشىچە، چەتئەللەردە ئوقۇپ قايتقانلارنىڭ ئەڭ يېڭى پەن - تېخنىكىلاردىن خەۋەردار بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى جارى قىلدۇرۇلىدىكەن.

بىز بۇ ھەقتە ياپونىيىدە ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن ھازىر ئامېرىكىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر زىيالىسى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

بۇ ئۇيغۇر زىيالىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەنلەرگە ئېتىبار بېرىش چاقىرىقىنىڭ يېڭى گەپ ئەمەسلىكىنى، ئەمما ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ قاتمۇ - قات توسالغۇلارغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇر ئالىملىرى قاتتىق رىقابەتكە دۇچ كېلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل "ئېتىبار بېرىش" سىياسىتىدىن بەھرىمان بولالايدىغان ئۇيغۇرلار ئىنتايىن ئاز ئىكەن. ئۇ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقان بۇ سۆز پۈتۈنلەي قۇرۇق شۇئار دەپ قارىمىسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن پايدا ئېلىۋاتقانلارنىڭ يەنىلا خىتايلار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ ئۇيغۇر زىيالىسى بىزگە يەنە، ئامېرىكا، ياۋرۇپا ۋە ياپونىيە قاتارلىق تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە تىلنى مۇكەممەل بىلىش دەپ شەرت قويۇلمايدىغانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەردە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ نەتىجە يارىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.