مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تەتقىقات ۋە مەدەنىيەت فوندىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ، يىغىندا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىن-مۇراسىم ۋە پائالىيەتلەرنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش تەكىتلەندى.
يىغىنغا تەتقىقات ۋە مەدەنىيەت فوندىنىڭ رەئىسى شەمسىدىن ئۆزدېمىر ئەپەندى ساھىبخانىلىق قىلدى. تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ رەئىسى پروفېسسور دوكتور نىجاتى جەيلاننىڭ باشچىلىقىدا ئېچىلغان بۇ يىغىنغا ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۈسەيىن ئۇرۇچ، ئىنسان فوندىنىڭ باش كاتىپى ئايخان ئوگان، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە باش كاتىپ دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللاھ، دوختۇرلار بىرلىكى فوندىدىن ھەسەن ئاۋشار، ئەنسار فوندىنىڭ ۋەكىلى ياشار شادئوغلۇ، خەيرات فوندىدىن مېتىن ئۇچار، ھايات فوندىدىن دوكتور ھەسەن سەلچۇق، مۇستەقىل سانائەت ۋە كارخانىچىلار جەمئىيىتىدىن ئەيۇپ ئاكبال قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى.
يىغىندا تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بارماقچى بولغان خىزمەت ئىش-پىلانلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللاھ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بۇ يىل 6-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا 3-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق يىغىنى دېگەن نام ئاستىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خەلقئارالىق يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ پىكىر-تەكلىپ بېرىشنى ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشى شۇنداقلا بۇ فوندىغا ئەزا 120 جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلەپ، يىغىنغا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى تەكلىپ قىلدى.
تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندى تۈركىيىدىكى ئوخشىمىغان جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكى بولۇپ بۇ فوند 1991-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان، بۇ فوندىغا ھازىرغىچە تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن 120 ئاممىۋى تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەر ئەزا بولغان. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بۇ فوندقا 2008-يىلى ئەزا بولغان بولۇپ، خىزمەت-پائالىيەتلەردە بۇ فوند بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە.