ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى 29-ماي كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىمغا رابىيە قادىر ئىگىدارچىلىقىدىكى رابىيە قادىر سودا سارىيى ۋە قىزى ئەقىدە خانىم ئىگىدارچىلىقىدىكى ئەقىدە سودا سارايلىرىنى چېقىشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرگە قول قويدۇرغانلىقىنى، قانۇنسىزلىق، دەپ ئەيىبلىدى ۋە نارازىلىق بىلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە بۇ بىنالارنى چاقماقچى بولغان، ئەمما رابىيە قادىر خانىمنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن بۇ بىنالار ساقلىنىپ قالغان ئىدى، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى بىنالارنى چېقىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىقتىسادىي ئىگىلىكى ۋەيران قىلىنىپ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە ئەزالىرى بۇ بىنالاردىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن ئىدى.
رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قايتا رەئىس بولۇپ سايلىنىشى بىلەن خىتاي يەنە بىر قېتىم ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر.