خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ 2008 چاقىرىقنامىسى ھەققىدە

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، خىتايدىكى بىر تۈركۈم مەشھۇر زىيالىيلار، ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىرلىكتە ، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان بىر چاقىرىقنامە ئېلان قىلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2008-12-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ چاقىرىقنامە ھازىرغا قەدەر 2008 خارتىيىسى، 2008 نىزامنامىسى، 2008 چاقىرىقى دېگەن ناملاردا ئاتىلىپ كەلمەكتە. چاقىرىقنامىگە دەسلەپتە 300 كىشى ئىمزا قويغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ سانى 5000دىن ئاشقان.

چاقىرىقنامە 3 بۆلۈمدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمىدە خىتاينىڭ يېقىنقى يۈز يىللىق سىياسى تارىخىدىكى دېموكراتىيە ، ئەركىنلىك كۈرەشلىرى ۋە تەجرىبە ساۋاقلار، ئىككىنچى بۆلۈمىدە بولسا، ئارزۇ قىلىنىۋاتقان يېڭى سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى؛ ئۈچىنچى قىسمىدا بولسا، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۈچۈن دەرھال بېسىشقا تېگىشلىك قەدەملەر بايان قىلىنغان.

چاقىرىقنامىدا، دۆلەتنى باشقۇرۇشتىكى 6 ئاساسىي پرىنسىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇلار، ئەركىنلىك، ئىنسان ھەقلىرى، باراۋەرلىك، جۇمھۇرىيەتچىلىك، دېموكراتىيە ۋە قانۇنىيلىقتىن ئىبارەتتۇر.

چاقىرىقنامىدىكى ئاساسلىق تەشەببۇسلار، يېڭى ئاساسىي قانۇن بەرپا قىلىش، ئۈچ خىل ھوقۇقنى ئايرىش، دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق خەلق ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پارلامېنتنى قۇرۇپ چىقىش ، ئەدلىيە ئورۇنلىرىنى مۇستەقىل قىلىش؛ ئارمىيىنى پارتىيىگە بويسۇنىدىغان ئەمەس ، ئاساسىي قانۇنغا بويسۇنىدىغان قىلىش ، فېدېرال جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ئارقىلىق ئېتنىك ۋە يەرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قاتارلىقلاردۇر. چاقىرىقنامىدا دەرھال بېسىلىدىغان قەدەملەر سۈپىتىدە، ئالدى بىلەن 4 ‏ - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە قايتىدىن باھا بېرىش، بارلىق سىياسىي تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ۋە ئۇلارغا تۆلەم تۆلەش، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قويۇپ بېرىپ، ئوخشىمىغان پىكىر، ئوخشىمىغان قاراشلارغا سورۇن بېرىش، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى، دىنىي پائالىيەتچىلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش؛ ئوخشىمىغان قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇشى، پارتىيە قۇرۇشى ۋە ھاكىمىيەتكە ئىشتىراك قىلىشىغا يول ئېچىش؛ ناھىيە، شەھەر ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك سايلام كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىش، ھۆكۈمەتنى خەلق قۇرۇش، خەلق باشقۇرۇش ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش.

چاقىرىقنامىنىڭ ئېتنىك ۋە يەرلىك مەسىلىلەرگە ئالاقىدار قىسمى كونكرېت بايان قىلىنمىغان؛ بۇ قىسىمدا خوڭكوڭ ۋە ماكاۋدا نۆۋەتتە مەۋجۇت بولغان ئەركىنلىكنى داۋاملاشتۇرۇش، تەيۋەن مەسىلىسىنى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە كاپالەتلىك قىلىپ ، مۇرەسسە يولى بىلەن ھەل قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى مەسىلىلەردە ئاقىلانە بولۇپ، بارلىق ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنى مەمنۇن قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان.

نۆۋەتتە مەزكۇر چاقىرىقنامىگە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ سانى ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت ئىچى - سىرتىدا بولۇپ كۆپىيىپ بارماقتا. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئىچىدە تەسىرى زورايماقتا.

بۈگۈن چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى، Vaclev Havel بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى سابىق چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتىدىن دەرس ئېلىشقا ۋە 2008 چاقىرىقنامىسىگە قۇلاق سېلىشقا چاقىردى.

خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ 2008 چاقىرىقنامىسى، سابىق چېخوسلوۋاكىيەدە 1977 ‏ - يىلى ئېلان قىلىنغان 77 چاقىرىقنامىسىنى ئۈلگە ئالغان. چېخوسلوۋاكىيەدە ئېلان قىلىنغان 77 چاقىرىقنامىسى، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ۋە بۆلۈنۈشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

بۈگۈن 2008 چاقىرىقنامىسىنىڭ لايىھىلىگۈچىسى ليۇ شاۋبونىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەر ئەينى ۋاقىت 77 چاقىرىقنامىسىنى لايىھىلىگەن سابىق پرېزىدېنت Vaclev Havel نىڭمۇ بېشىغا كەلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت