'خىتاي 60 يىللىق تويى ھارپىسىدا بىخەتەرلىك ۋەسۋەسە كېسىلىگە گىرىپتار بولدى'

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىللىق دۆلەت بايرىمىغا ئاز قالغانسېرى، ئاخباراتقا قارىتا چەكلەشنى كۈچەيتكەنلىكى ۋە مۇخبىرلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتنىڭ مەزكۇر باياناتى خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېتقا قارىتا چەكلەش بەلگىلىمىسى ئېلان قىلغان پەيتلەرگە توغرا كەلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.09.29
Beyjing-kochisidiki-qoralliq-kuchler-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 27 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻨﯩﯔ ﺗﯩﻴﻪﻧﺌﻪﻧﻤﯧﻨﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻢ ﭼﺎﯕﺌﻪﻥ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﺍ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﻭﯞﻧﯩﻜﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

خەلقئارا  ھوقۇق  تەشكىلاتلىرى بايانات ۋە ئاخباراتلارنى ئېلان قىلىپ،  خىتاينىڭ 60 يىللىق دۆلەت بايرىمى يېقىنلاشقان پەيتلەردە، ئاخباراتقا قارىتا چەكلىمىلەرنى كۈچەيتكەندىن باشقا يەنە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قاراتقان باستۇرۇش سالمىقىنىمۇ ئاشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 29 -  سېنتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ 60 يىللىق تويى ھارپىسىدا بىخەتەرلىك ۋەسۋەسە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى  ۋە خىتاينىڭ غەرب ئاخباراتچىلىرى ۋە ئىنتېرنېتكە قارىتىلغان يولسىز قىلمىشلارنى كۈچەيتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

باياناتتا، خىتاي يېقىندىن بۇيان ئالغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ: " ھۆكۈمەت دائىرىلىرى كاتتا مەرىكە سۈپىتىدە كۆرسەتمەكچى بولغان بۇ ئىش تور ئابونېتلىرى  ۋە مۇخبىرلارغا نىسبەتەن بىر چوڭ باش ئاغرىقى بولدى"  دېيىلگەن.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىدىغان ئورگانلار ئىنتېرنېت ئابونېتلىرىنى چەكلەش سالمىقىنى نەچچە ھەسسە كۈچەيتكەن. خىتايدا ياشاۋاتقان چەتئەل پۇقرالىرى ۋە خىتايدىكى ئىنتېرنېت توساقلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەتكۈچىلەرمۇ مەزكۇر ئورگانلارنىڭ چەكلەش  نىشانىغا ئايلانغان.

27 -  سېنتەبىر يەكشەنبە كۈنى،  يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى  ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېتتە سىياسىي مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشنى چەكلەشكە ئالاقىدار بىر نىزام نامە ماقۇللىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىلىرىدە ئىنتېرنېتتە "بۆلگۈنچىلىك" ۋە شۇ خىل تېمىلاردىكى سىياسىي مەسىلىلەرنى مۇنازىرە قىلىشىنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئېلان قىلغان باياناتىدا بۇ ھەقتىمۇ توختالغان ۋە: " خىتاي رەھبەرلىرى بۆلگۈنچىلىككە قارشى  تۇرۇشنى 60 يىللىق مۇراسىم شۇئارلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى.  ئەڭ غەربىي ئۆلكە شىنجاڭدا تور بۆلگۈنچىلىكىگە  قارىتىلغان يېڭى  بەلگىلىمە يولغا قويۇلدى" دېيىلگەن.

باياناتتا كۆرسىتىشىچە،  5 -  ئىيۇل ئۈرۈمچى  ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە  ئىنتېرنېتكە قارىتا ئېلىنغان چەكلەش تەدبىرلىرى  تېخىچە بوشاشمىغان،  مۇلازىمەترلىرى خىتايغا جايلاشقان ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تاقالغان.

باياناتتا خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئاۋسترالىيە ۋە تەيۋەن كىنو فېستىۋالىنىڭ تور بېتىگە ھۇجۇم قىلىپ،  رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن  "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرىتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ مەزكۇر فېستىۋاللارغا قويۇلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ۋە فېستىۋال تەشكىللىگۈچىلىرىدىن خىتاي خەلقىدىن ئەپۇ سوراشنى تەلەپ قىلغانلىقى، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ  ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى يوشۇرمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ 1 -  ئۆكتەبىر بايرىمىنىڭ رەپىتىس پائالىيىتىنى سۈرەتكە ئېلىشقا تەمشىلىۋاتقان ياپونىيە مۇخبىرلىرىغا زوراۋانلىق قىلغانلىقى، ياپونىيە كيوتو ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۈچۈن خىزمەت  قىلىدىغان  3 نەپەر ياپونىيە مۇخبىرىنىڭ  ئۆز ياتاقلىرىدا پۇقراچە كىيىنگەن  خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاينىڭ 60 يىللىق تويىدا مۇخبىرلاردىن  باشقا يەنە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ قارشى ئېلىنمايدىغان مېھمانلار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى  28 -  سېنتەبىر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا، كىشىلىك ھوقۇق  پىكرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆكتەبىر بايرىمىدا نامايەندە قىلماقچى بولغان ئىناق جەمئىيەت ئوبرازىغا تەھدىت پەيدا قىلىشىڭ  ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىش  ۋە  ئۇلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاخباراتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە،  خىتاي ھۆكۈمىتى  يېقىندا بۇيان نەچچە يۈزلىگەن پائالىيەتچىلەرنى نەزەر بەند ئاستىغا ئالغان ۋە  بېيجىڭغا كەلگەن ئەرزدارلارنى بېيجىڭدىن مەجبۇرى ھەيدىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.