كانادا، سىياسى پاناھلىق تىلەش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بىر خىتاي ئايالنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى

تورونتودا چىقىدىغان تورونتو قۇياشى گېزىتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، يېقىندا كانادا تەرەپ، كانادانىڭ سىياسى پاناھلىق تىلەش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بىر خىتاي ئايالنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان.

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، 24 ياشلىق فېڭ فامىلىلىك بۇ خىتاي ئايال 2003 - يىلى كاناداغا كەلگەن بولۇپ،2007 ‏ - يىلى ئۇنىڭ كانادادىكى سىياسى پاناھلىق تەلىپى رەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما چېگرىدىن چىقىپ كەتمەي كانادادا قاچاق ياشىغان ۋە بۇ جەرياندا، مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان سىياسى پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ياردەم قىلىمىز دېگەن خىتايچە ئېلاننى كۆرۈپ، نامەلۇم بىر ئەرگە تور ئارقىلىق ئىككى خىتاينىڭ سىياسى پاناھلىق تەلىپىنى قوبۇل قىلدۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن، 18 مىڭ كانادا دوللىرى بەرگەنلىكى مەلۇم.

تور بەتلىرى ئارقىلىق ساختا ئېلان چىقارغان بۇ كىشى ئۆزىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى مۇھىم ئادەملەر بىلەن پەۋقۇلئاددە يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقى، بۇ خىتاي ئايالنىڭ كانادادىكى سىياسى پاناھلىق تەلىپىنى پۇل ئارقىلىق پۈتتۈرۈپ بېرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىپ 18 مىڭ كانادا دوللىرىنى ئالغان. لېكىن بۇ خىتاي ئايالنى ئالدىغان كىشىلەرنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.

ئەمما، ئارىدىن ئىككى يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ خىتاي ئايالنىڭ سىياسى پاناھلىق تەلىپىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان. خىتاي ئايال ئاخىرقى قېتىم ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشقاندا، تور بەت ئالدامچىلىرى بۇ ئايالغا سېنىڭ ئىشىڭ پۈتتى، ئاخىرقى ئىشلىرىڭنى بۇ كىشى پۈتتۈرۈپ بېرىدۇ دېگەن ۋە نامەلۇم بىر كىشىنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى بەرگەن. بۇ خىتاي ئايال ئۆزىگە ياردەم قىلىدىغان ئاخىرقى كىشىنى ئىزلەپ تاپقاندا، ئۇ فېڭ فامىلىلىك بۇ ئايالنى ئىزلەپ يۈرگەن ساقچى ئوفىتسېرى بولۇپ چىققان ۋە بۇ ساقچى ئوفىتسېرى ئۇنىڭ كانادا سىياسى پاناھلىق تىلىگۈچىلەر قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن كانادادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فېڭ مۇخبىرغا: "خىتايغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئاقىۋىتىمنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، مېنىڭ بارلىق ئەركىنلىكلىرىم يوققا چىقىدىغان بولدى، ئىقتىسادىمدىنمۇ ئايرىلدىم، خىتايغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن دوستلىرىمنىڭ يۈزىگە قانداق قارارمەن؟ دېگەن."

كانادا مەتبۇئاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىن كاناداغا دېڭىز يوللىرى ئارقىلىق كېمە بىلەن، ئىنتايىن ئۇزۇن ۋە خەتەرلىك مۇساپىلەرنى بېسىپ قاچاق يول بىلەن كېلىدىغان خىتايلارنىڭ سانى 2000 - يىلىدىن ئېتىبارەن بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان. بۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى خىتايلاردىن تەركىپ تاپقان 600 كىشىلىك بىر كېمە كانادا دېڭىز ساھىلىغا قاچاق كىرىپ كانادادا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 3 ئايالنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغان.

بۇ خىتاي ئاياللار كانادا ك ب ك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتايدا ياشاش شەرتلىرىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، پەرزەنتلىرىنىڭ خىتايدىكى ئىستىقبالىدىن ئۈمىد يوقلۇقىنى، ئەۋلاتلىرىغا كانادادا پارلاق بىر كېلەچەك يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ خىل خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.