خىتايدىكى باي - كەمبەغەللىك پەرقىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلار مۇنازىرە پەيدا قىلدى

خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى بۈگۈن خىتاينىڭ 2012-يىللىق دۆلەت ئىقتىسادىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 7.8 پىرسەنت بىلەن ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.01.18
xitay-bay-kembighellik-shanghai-305.png شاڭخەيدىكى ئۆيسىز بىر كىشىنىڭ تۇرالغۇسى
AFP


ئەمما بۇ رەقەمنىڭ ئەمەلىيەتكە قانچىلىك ئۇيغۇنلىقى، بۇنىڭ پۇقرالار تۇرمۇشىنى قانچىلىك دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغانلىقى بولسا مەتبۇئاتلاردا تالاش - تارتىش قىلىنماقتا. ئۇلار ئاساسلىق خىتايدىكى باي - كەمبەغەللىك پەرقى مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، تەنقىدچىلەر بىردەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باي - كەمبەغەللىك پەرقىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى قەستەن يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاينىڭ 2012 - يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى ئەسلىدە نىشان قىلىنغان 5. 7 پىرسەنتتىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلىنىپ 8. 7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ رەقەملەرنىڭ ھەممە كىشىنى مەمنۇن قىلمىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. چۈنكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى بۇ ئىقتىسادى زورىيىشتىن نەپ ئېلىۋاتقان كىشىلەر چەمبىرىكى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، مۇتلەق زور كۆپچىلىك يەنىلا چەمبىرەكنىڭ سىرتىدا. خىتايدىكى باي - كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ زورىيىش مەسىلىسى ھازىر خىتاي رەھبەرلەر ئۇچراۋاتقان ئەڭ مۇھىم بىر رىقابەت. خىتايدا باي - كەمبەغەللىك پەرقىگە ئائىت تېمىلار سىياسىي سەزگۈرلۈككە ئىگە بولغانلىقتىن ھۆكۈمەت بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلارنىمۇ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تىلغا ئالىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى باي - كەمبەغەللىك پەرقىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان خەلقئارا بىرلىك جىنى نومۇرىنى 2000 - يىلى ئىلان قىلغاندىن بېرى بۇ ھەقتىكى يېڭى نومۇرلارنى ئېلان قىلىپ باقمىدى.

جىنى نومۇرى - خەلقئارادا بىر تۇتاش بىرلىككە كەلگەن بىر بىرلىك. ئۇ ئادەتتە 0 بىلەن 1 ئارىسىدا بولىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ نومۇرى نۆلگە قانچە يېقىنلاشسا، ئۇ شۇ دۆلەتتە كىرىمنىڭ ھەرقايسى قاتلاملاردىكى تارقىلىشىنىڭ شۇنچە تەڭپۇڭلۇقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئەكسىچە بىر نومۇرغا يېقىنلاشقانسېرى ئۇ كىرىم تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ شۇنچە ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئادەتتە بىر دۆلەتنىڭ جىنى نومۇرى 3.0 ئەتراپىدا بولسا نورمال ھېسابلىنىدۇ. ئەمما 4.0 دىن ئېشىپ 5. 0 گە يېقىنلاشقان تەقدىردە بۇ پەرقنىڭ زورلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى 2000 - يىلى ئېلان قىلغان رەقىمىدە خىتاينىڭ جىنى نومۇرىنى 0.474 دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتايدىكى ئىقتىسادشۇناسلار ئارىدىن ئۆتكەن 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە خىتايدىكى باي - كەمبەغەللىك پەرقىدە زور ئۆزگىرىش بولغانلىقى، يەنى بۇ ئىككى قاتلام ئارىسىدىكى ھاڭنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ كەتكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئەمما بۈگۈن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاينىڭ 2012 - يىلىدىكى جىنى نومۇرىنىڭ 2008 - يىلىدىكى 0.491 دىن تۆۋەنلەپ 0.474 كە چۈشكەنلىكىنى، يەنى كىرىم پەرقىنىڭ كىچىكلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كەڭ مۇنازىرە قوزغىدى.

خىتايدا باشقا ئاخباراتلارغا قارىغاندا بىر قەدەر مۇستەقىل، دەپ تونۇلىدىغان جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئۆزلىرىنىڭ تونۇلغان خىتاي ئىقتىساد پروفېسسورى شۈ شياۋشەننى زىيارەت قىلماقچى بولغاندا، شۈ شاۋشۈەننىڭ مۇخبىرغا «مەن بۇنداق يالغان رەقەملەرگە قاراپ تۇرۇپ سۆزلىيەلمەيمەن» دېگەنلىكىنى يازغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى ۋېيبو تور بېتىدە بۇ رەقەم ھەققىدە كەڭ ئىنكاسلار قوزغىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان جىنى رەقىمىنىڭ راستلىقىدىن گۇمان قىلغان. بەزى خىتاي تورداشلار بۇ رەقەمنى زاڭلىق قىلىپ «چۆچەكلەردىمۇ بۇنچىلىك مۇبالىغە ئىشلىتىلمەيدۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر «ھۆكۈمەت قاچان بىزگە راست گەپ قىلىپ باققان، بىز ئەزەلدىنلا ھىكايە - چۆچەك ئىچىدە ياشىمايۋاتىمىزمۇ» دېيىشكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي جىنى رەقەملىرى ھەققىدە ستاتېستىكا ئېلان قىلماسلىقىغا خىتايدىكى يۇقىرى كىرىملىك كىشىلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ تېخى تولۇق يىغىلىپ بولالمىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتمەكتە. ئەمما ئىقتىسادشۇناس شۈ شاۋشۈەن ھۆكۈمەتنىڭ باھانە كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، جىنى رەقىمىنىڭ دائىرىلەرنىڭ قولىدا بولغان مەلۇماتلارغا قاراپ تۇرۇپمۇ ھېسىابلاپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا 7. 2 مىليون نەپەر دوللار مىليونىرى ۋە 251 نەپەر مىلياردېر بار بولسىمۇ، ئەمما خىتاي پۇقراسىنىڭ 13 پىرسەنتى كۈندە 1 يېرىم دوللارغىمۇ يەتمەيدىغان پۇل بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. خىتايدىكى يېزا ئاھالىسىنىڭ ئومۇمىي يىللىق كىرىمى 3800 دوللار ئەتراپىدا ئىكەن. ئۆتكەن يىل 12 - ئايدا چېڭدۇدىكى غەربىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتىتى ئىقتىساد بۆلۈمى بىر رەقەم ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ جىنى رەقىمىنى 61. 0 دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، مەيلى ھەقىقەت شۇنداق بولسۇن - بولمىسۇن، شىنخۇا ئۆزى ئېلان قىلغان رەقەملەرمۇ ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە يېتىدۇ، دېگەن ۋە بۇ ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن دەرھال تەدبىر ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيادا باي - كەمبەغەللىك پەرقى ئەڭ ئاز دۆلەتلەر شۋېتسىيە، دانىيە ۋە گېرمانىيە بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىنى نومۇرى 2.0 دىن 3. 0 ئەتراپىدا ئىكەن.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتايدىكى نامرات رايون ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك جەھەتلەردىن كەمسىتىلىشكە ئۇچراپ ياشاۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى كىرىم تەڭپۇڭلىقىنىڭ تېخىمۇ زور ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.