خىتاينىڭ چاغان ھارپىسىدىكى قاتتىق باستۇرۇشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جىددىي داۋام قىلماقتا

يىللاردىكىدەك، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي دائىرىلىرى يېڭى يىل ۋە چاغان بايرىمى مەزگىلىدىكى مۇقىملىق ۋە جەمئىيەت ئامانلىقنى قوغداش باھانىسىدە، تۈرلۈك قاتتىق باستۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.01.09
Nur-bekri-Urumchi-Basturush-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﻧﯘﺭ ﺑﻪﻛﺮﯨﻨﯩﯔ 6 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺷﺎﯞﮔﯜﻩﻥ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
http://news.cctv.com

بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق ئىدارە، ئورگانلار 24 سائەتلىك نۆۋەتچى تۈزۈمى يولغا قويۇش، بارلىق جايلاردا ساقچى تارماقلىرى گۇمانلىق ئورۇنلارغا قارىتا كېچىلىك تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، يېزا ئاساسىي قاتلاملاردىمۇ مۇقىملىق ساقلاش ئەترەتلىرى، مەھەللە نازارەت مەسئۇلىيەت گۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىش، ساقچى خادىملارنى كۆپەيتىش قاتارلىق چارىلەرنى يولغا قويماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاراتمىلىق يۈز كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، يەنە يېڭى يىل كىرىشى بىلەن ئىككى بايرام مەزگىلىدىكى جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش باھانىسىدىكى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى باشلاندى. خىتاينىڭ تىنچلىق تورىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يۈز كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە ئىككى بايرام ھارپىسىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر ئېلان قىلغان ئۇچۇرلىرىدىن، خىتاينىڭ چاغىنى كېلىش ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇمۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ يەنە قايتىدىن جىددىي باسقۇچقا كىرگەنلىكى ئەكس ئەتمەكتە.

يېڭى يىل ھارپىسىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيىلىرىدىكى جەمئىي 835 ساقچى ئورگىنى - 12ئاينىڭ 31 - كۈنى سائەت نۆلدە بىر تۇتاش كېچىلىك تۇيۇقسىز ئاقتۇرۇش ئېلىپ بارغان ئىدى شىنجاڭ تىنچلىق تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن ئۇچۇردىن ئاشكارىلىنىشىغا قارىغاندا، دائىرىلەر يېڭى يىل كېچىسى بىر كېچىدە، 835 ساقچى ئورگىنىدىن 2871 خادىمنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ،مۇقىمسىزلىق ۋە ئامانلىق مەسىلىسى بار دەپ گۇمان قىلغان يۈز ئورگان، مىڭ جامائەت سورۇنى ۋە يۈز مىڭ ئائىلىدە تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ جەرياندا 16 كىشىنى قولغا ئالغان، خەۋەردە بۇ كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىلمىگەن.

خەۋەردىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل تۇيۇقسىز ئاقتۇرۇش ئېلىپ بېرىشى ئىككى بايرام مەزگىلىدىكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ - 8 يانىۋار خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن، - 7 يانىۋار ئېچىلغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى - 3 نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ - 8 ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلىپ «قوراللىق ساقچى قىسىم جەزمەن "ئۈچ خىل كۈچ" گە قاتتىق زەربە بېرىش مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىپ تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئورۇندىشى دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتىنى، مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك» دېگەن.

ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەرنىڭ ئىجتىمائىي خەۋەرلىرىدە پۈتۈنلەي خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چاغان مەزگىلىدىكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئوقتۇرۇشلىرى چاپلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەننىڭ يېڭى يىل ۋە چاغان بايرىمىدا ھەر قايسى ئىدارە، ئورگان، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ بىردەك ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى ساقلاشتا بۇرچىنى ئادا قىلىش يوليورۇقلىرى تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدا ئاساسەن ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق ساقچى ئورگانلىرى تارماق ئەترەتلىرىدىن باشقا، ھەممە ئىدارە، ئورگانلار ئامانلىقنى قوغداش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيەتچانلىق تۈزۈمى ئورنىتىلغان شۇنداقلا جىنايەتلەرگە قارشى ماسلىشىشچانلىقنى، ئۇچۇر ئىگىلەشنى، پاكىت ئىگىلەشنى كۈچەيتىپ، زەربە بېرىشنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش تەلىپى بويىچە، جايلاردا قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى يەنە بىر يېڭى باسقۇچقا كىرگەن.

بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېلېفون نومۇر سۈرۈشتە قىلىش ئاپپاراتىغا تېلىفون قىلغىنىمىزدا، بۇ ئورۇنلارنىڭمۇ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ نامەلۇم نومۇرلاردىن كەلگەن تېلىفونلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمەسلىك ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋالغانلىقى مەلۇم بولدى:

قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىدىكى بىر ساقچى بايراملىق ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئۆزىنىڭ كېچىلىك كۆزەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندىن باشقا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمىدى:

تىنچلىق تورىدا ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە مىسال ئېلىنىشىچە، ئىلى ۋىلايەتلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ چوڭ دېلولارنى پاش قىلىش زەربە بېرىش ئۈنۈمدارلىقى 100%كە يەتكەن بولۇپ، ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2011 - يىلى - 1 ئايدىن 12 - ئايغىچە پاش قىلىنغان ھەر خىل دېلولار 6480 قېتىمغا، قولغا ئېلىنغان ئادەم 2764كە يەتكەن

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر قانداق باھانە بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە پەقەتلا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى ھەمدە چاغانلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش مۇقىملىقنى قوغداش ھەرىكەتلىرىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق خىتاي كۆچمەنلىرىنى خاتىرجەم قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ«خىتاي ئۈچۈن بايرام، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاپەت بولماقتا» دەيدۇ:

ئۈرۈمچىدىكى مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ساقچى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى:

ئەمما ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقىنىغا ئون يىل بولغان بىر كۆچمەن خىتاي،خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالغان تەدبىرلىرىدىن ئىنتايىن رازىلىقىنى، - 5 ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلىنغان قاتتىق تەدبىرلەردىن كېيىن ئۈرۈمچىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن خاتىرجەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:

دىلشات رىشىت يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر قانداق نامدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەمەليەتتە خەلقئارالىق قانۇنلارغا ھەم خىتاي ئۆزىنىڭ قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپ ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى:

خىتاينىڭ چاغان بايرىمى بۇ يىل مۇشۇ ئاينىڭ - 23 كۈنىگە توغرا كېلىدۇ، تۆمۈر يول خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە پويىز ۋە ھاۋا قاتنىشى ھەر يىلقى چاغان ھارپىسىدىكىدەك، يولۇچى توشۇشنىڭ ئەڭ جىددىي باسقۇچىغا كىرىشكە باشلىغان. شۇ سەۋەبلىك تومۇر يول ۋە قاتناش ساقچى دائىرىلىرىمۇ ئامانلىق قوغداش تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.