60 يىل توۋلانغان يالغان شۇئار
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.09.29
2009.09.29
![Xitay-doliti-qurulghandiki-korunush-Maw-Seypidin-eziz Xitay-doliti-qurulghandiki-korunush-Maw-Seypidin-eziz](https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/xitay-dolet-bayrimi-shuari-09292009211949.html/Xitay-doliti-qurulghandiki-korunush-Maw-Seypidin-eziz-305.jpg/@@images/ee4aaf95-7665-4816-8144-7731cb41a312.jpeg)
ھەتتا ماۋزېدوڭنىڭ 1949 - يىلى 10 - ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىدا 'جۇڭگو خەلقى باش كۆتۈردى' دېگەن ئاۋازىمۇ قوراشتۇرۇپ چىقىلغان يالغان ئاۋاز ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.
خوڭكوڭدا ئىنگىلىزچە چىقىدىغان 'جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى' نىڭ جۈمە كۈنىدىكى باش ماقالىسىدا بايان قىلىنىشىچە، 1949 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تيەنەنمېندە ئېچىلغان دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىدا، ماۋزېدوڭ 'جۇڭگو خەلقى باش كۆتۈردى' دەپ شۇئار توۋلىمىغان.
ماۋزېدوڭ دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىدا 'جۇڭگو خەلقى باش كۆتۈردى' دەپ شۇئار توۋلىدى، دېگەن بىر يالغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ماۋزېدوڭ پەقەت 'شۇ كۈندىكى مۇراسىمدا 'جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزى ھۆكۈمىتى بۈگۈن قۇرۇلدى' دەپ جاكارلىغان، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ماۋزېدوڭ 'جۇڭگو خەلقى باش كۆتۈردى' دەپ جاكارلىغان ئىدى، دەپ يالغان تەشۋىقات قىلىۋېرىپ، ئۇنى 'راستقا ئايلاندۇرۇۋالغان. ماۋزېدوڭنىڭ 'جوڭگو خەلقى باش كۆتۈردى' دەپ توۋلىغان ئاۋازىنى، يېقىنقى يىللاردا تەييارلانغان 'دۆلەت قۇرۇش'، 'تيەئەنمېن' دېگەندەك فىلىملەردە كومپيۇتېر تېخنىكىسى ئارقىلىق قوراشتۇرۇپ ياساپ چىققان.
دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىنى ئاڭلىتىشقا مەسئۇل بولغان مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى دىكتورى بۇ شۇئارنى ئاڭلىمىغان
بۇ ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئەينى ۋاقىتتىكى مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ دىكتورى دىڭ يىلەن 1971 - يىلى 'بېيجىڭ كەچلىك گېزىتى' دە ئېلان قىلغان ئەسلىمىسىدە، 1949 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تيەنەنمېندە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىنى ئاڭلىتىشقا ئۆزى مەسئۇل بولغانلىقىنى، ماۋزېدوڭ دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغاندا 'جۇڭگو خەلقى باش كۆتۈردى' دەپ شۇئار توۋلىمىغانلىقىنى، بۇ گەپنى كېيىن قوشۇۋالغانلىق بىر سەۋەنلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىكەن.دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىنىنىڭ خەۋەر تېكىستىنى يازغان مۇخبىرمۇ بۇ شۇئارنى ئاڭلىمىغان
1949 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تيەنەنمېندە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىدىكى خەۋەر تېكىستلىرىنى يازغان شىنخۇئا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى پۇ ئەپەندىمۇ، 1998 - يىلى 'يەن، خۇئاڭ پادىشاھلىرى ' دېگەن جۇرنالدا ئېلان قىلغان ئەسلىمىسىدە، دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمدا 'جوڭگو خەلقى باش كۆتۈردى' دەپ شۇئار توۋلانمىغان، دەپ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئىكەن.1950 - يىللاردىكى مەركىزى پارتىيە مەكتىبىنىڭ پارتىيە تارىخى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كۆز قارىشى
-- يىللاردىن بۇيان، ماۋزېدوڭ دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىدا "جوڭگو خەلقى باش كۆتۈردى" دەپ جاكارلىغان ئىدى دېيىلىئىۋاتىدۇ، ئەمما مەن بۇنى جەزىملەشتۈرمەيمەن - دەپ بايان قىلدى 1950 - يىللاردا مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە پارتىيە تارىخى ئوقۇتقۇچىسى بولغان گەنسۈي ئەپەندى تۈنۈگۈن رادىئومىز مۇخبىرى دىڭشاۋنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ماۋزېدوڭ بىرىنچى قېتىملىق سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا 'جۇڭگولۇقلار باش كۆتۈردى' دېگەن ئىدى، دېگەن يەنە بىر گەپمۇ بار. بۇ گەپلەر بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. چۈنكى دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇرمىلاپ تاپقان ياكى ئۆزى توقۇۋالغان بۇنداق گەپلەر ناھايىتى كۆپ، ماۋزېدوڭنىڭ كاتىپى لى رۈينىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، - دەيدۇ بۇ ئەرباب، - تۇنجى قېتىملىق 1 - ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا توۋلانغان شۇئارلارنىڭ تىزىملىكىنى ئارخىپلاشتۇرىدىغاندا، 'ياشىسۇن ماۋزېدوڭ' دېگەننىمۇ ماۋزېدوڭ ئۆزى قوشۇپ قويغان ئىكەن.
خىتايدا ئەڭ بۇرۇن ئوڭچى قالپىقى كىيگۈزۈلگەن زىيالىينىڭ بايانى
-- تارىخنى بۇرمىلاش بەك قورقۇنچلۇق، - دەيدۇ خىتايدا ئەڭ بۇرۇن ئوڭچى قالپىقى كىيگۈزۈلگەن تيېليۇ ئەپەندى تۈنۈگۈن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، -- مەن "دۆلەت قۇرۇش" دېگەن فىلىمنى كۆردۈم، چوڭ قۇرۇقلۇقتا ھازىر خەلق، پەقەت 60 يىلدىن بۇيان بۇرمىلانغان تارىخنىلا بىلىدۇ. ماۋزېدوڭ بۇرمىلىغان تارىخ بەك كۆپ. بىزدەك يېشى ئاتمىش - يەتمىشكە يەتكەن ئادەملەر، گەرچە مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىگە كۆپ ئۇچراپ كەتكەن بولساقمۇ، ئەمما يەنىلا نېمىنىڭ راسلىقىنى پەرق ئېتىمىز. بۇرۇن بولمىغان ئىشنى يالغاندىن توقۇپ چىقسا، ھازىر نەق يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىمۇ ئوچۇق - ئاشكارا بۇرمىلىسا، بۇنداق دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد يوق.خىتاي 60 يىلدىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزى ئەمەل قىلمىغان شۇئارلار
ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل يازغۇچى خې چىڭليەن، خىتاي 60 يىلدىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزى ئەمەل قىلمىغان يالغان شۇئارلارنى تىزىپ چىقتى.ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ھاكىميەت قۇرغاندىن كېيىنلا، ماۋزېدوڭ 'زومىگەرلەرنى يوقۇتۇش، يەر تەقسىملەش' شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، بۇ شۇئارغا دېھقانلار ئىشەنگەن ۋە ئۈمىد باغلىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، كوممۇنىست پارتىيە پۈتۈن يەر - زېمىننى يەر ئىگىلىرىدىن تارتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغاندىن كېيىن، دېھقانلار بۇ شۇئارغا بولغان ئىشەنچ ۋە ئۈمىدىنى ئۈزگەن ئىدى.
ماۋزېدوڭ ئىشچىلار دۆلەتنىڭ خوجايىنى' دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئىشچىلار بۇ شۇئارغا ئىشەنگەن ۋە ئۈمىد باغلىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، كوممۇنىست پارتىيە مەنپەئەتكە ئۆزى ئېرىشىپ، دۆلەتكە ئۆزى خوجايىن بولۇۋالغاندىن كېيىن، ئىشچىلار بۇ شۇئاردىن ئىشەنچ ۋە ئۈمىدىنى ئۈزگەن ئىدى.
ماۋزېدوڭ 'دېموكراتىيە - ئەركىنلىك' شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ھەر ساھە خەلقى، بولۇپمۇ زىيالىيلار بۇنىڭغا ئىشىنىپ، كەلگۈسىگە ئۈمىد باغلىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مۇستەبىت تۈزۈمدە ئەركىنلىكى بوغۇلغاندىن كېيىن، بۇ شۇئاردىنمۇ ئۈمىد ئۈزگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان 'ھەممە ئادەم ھوقۇقتا باراۋەر جەمئىيەت قۇرۇش' دېگەن شۇئارغا ھېچكىم ئىشەنمىدى.
دېڭ شاۋپىڭ 1978 - يىلى ئىشىكنى ئېچىۋېتىش - ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش'، 'سىياسىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماسلىق'، 'بىر قىسىم كىشىلەرنى ئالدى بىلەن باي قىلىش' شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، بۇ شۇئارلارغا ئىشىنىدىغان، ئۈمىد باغلىغان ئادەم چىققان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، كوممۇنىست پارتىيە بۇ قېتىم يەنە بۇ شۇئارلار ئارقىلىق يەنىلا ئۆزىگە بايلىق يارىتىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەرياننى بەلكى پۈتۈنلەي مىلتىققا تايىنىپ ئىجرا قىلغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ يالغانچىلىققىمۇ لەنەت ئوقۇدى.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىرقى كوممۇنىست رەھبەرلىرى دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ يالغان شۇئارلىرىدىن ئاللىقاچان ئۈمىد ئۈزگەن خەلققە يەنە 'خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى ۋە ئۈمىدىنى مەڭگۇ يەردە قويمايمىز' دەپ ۋەدە بېرىپ شۇئار توۋلىسا، بۇنىڭغا كىم ئىشەنسۇن؟