خىتاي دىپلوماتلار تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدا سوغات تارقاتتى

12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 10دا خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى ئىككى دىپلومات قولىدا كۆپلىگەن سوغاتلارنى كۆتۈرگەن ھالدا تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مەركەز بىناسىغا كىرىۋاتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەلگەن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.12.28
Xitay-Turkiye-emeldarlirigha-soghat-tarqatmaqta-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 12 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﺳﺎﺋﻪﺕ 10ﺩﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺕ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺳﻮﻏﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺧﻪﯞﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ ھەيئەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ سوغاتلارنى رەسىمگە تارتىۋالغان.

تۈركىيىدە ھەرقانداق سىياسىي پارتىيە رەھبىرىنىڭ ئۆيىگە ياكى ئىشخانىسىغا كىرسىڭىز، خىتايلارنىڭ سوغىتىنى كۆرەلەيسىز. تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى سوغاتلار ئارقىلىق تۈركىيىدە يەتمەكچى بولغان مەقسەتلىرىگە يېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇنداقتا، خىتايلار سوغات ئارقىلىق قايسى مەقسەتلىرىگە يەتتى؟ ئۇلارنىڭ ساقچى ئىدارىسىغا بۇ سوغاتلارنى بېرىشىدىكى مەقسىتى نېمە؟ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەرگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Dec 28, 2009 03:04 PM

ﻗﺎﻥ ﻗﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺳﯧﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﻮﺷﺎﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ،ﭘﺎﺭﯨﺨﻮﺭﻟﯘﻕ،،،،،،،،ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻚ، ﻗﯧﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻣﯩﺰ ،،،،،،،ﻗﺎﭼﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﺎﺭ ،.،،،،،