خىتاي گېنېرال ليۇ ياجۇ خىتاي كومپارتىيىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ئىسلاھاتقا چاقىردى

بۈگۈنگە قەدەر خىتاي ئۆكتىچى كۈچلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئارىسىدا خىتاي كومپارتىيىسىنى دېموكراتىك ئىسلاھاتقا چاقىرىدىغان تەكلىپلەر خېلى كۆپ چۈشكەن بولسىمۇ، كومپارتىيىنىڭ ئىچىدىن، بولۇپمۇ يۇقىرى ھاكىمىيەت قاتلىمىدىن، ئىسلات چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار كۆپ بولمىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.09.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

5 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرالى ليۇ ياجۇ، خوڭكوڭدا چىقىدىغان سۇمرۇغ ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنى سىياسىي تۈزۈلمىدە ئۈزۈل - كېسىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.

گېنېرال ليۇ ياجۇ، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پارىخورلۇققا قارشى ئەمەلدارلىرىدىن بىرى.
 
ئۇ ئۆتكەن ھەپتە، خوڭكوڭدا چىقىدىغان سۇمرۇغ ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ نۆۋەتتە ھايات - ماماتلىق بىر تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئەگەر ئالدىمىزدىكى 10 يىلدا ئۈزۈل - كېسىل ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش گۇمران بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ سۆزىنىڭ بېشىدا، جۇڭگو شەرقى دېڭىزدا ئامېرىكا بىلەن كۈچ تالاشقىچە، ئامېرىكىنىڭ قانۇن سىستېمىسىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇشى كېرەك دېگەن. ئۇ، "ئەگەر بىر دۆلەت ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغسا، ئۆز خەلقىنىڭ ئىجادچانلىقىنى چەكلىسە، ھەقىقىي ۋەكىللىك سالاھىيىتى بار رەھبەرلەرنى چەتكە قاقسا، بۇ تۈزۈم يىقىلىشقا مەھكۇمدۇر،" دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ ئامېرىكىنى قۇدرەت تاپقۇزغان پۇل ۋە تېخنىكا ئەمەس، بەلكى مۇستەھكەم قانۇن ۋە تۈزۈمدۇر؛ سوۋېت ئىتتىپاقىنى يىقىتقان باشقا نەرسە ئەمەس، بەلكى مۇقىملىقىنى ھەممىنىڭ ئۈستىگە قويۇۋېلىش ۋە ئادالەتنى چەتكە قېقىش دەپ چۈشەندۈرگەن.

گېنېرال ليۇ ياجۇ ئەسلىدە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ھاۋا ئارمىيە قىسمىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى بولۇپ ئۇ يېقىندا دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي كومىسسارلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي جەمئىيىتىنى، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پۇلغا چوقۇنۇش خاھىشى قاپلىغان، ئېتىقاد ۋە ئەخلاق يوقسۇزلاشقان. يەنە ئۇنىڭ قارىشىچە، يالغۇز پۇلنىڭلا قۇدرىتىگە ئىشەنگەن مىللەت، قالاق ۋە ھاماقەت مىللەتتۇر.

خىتايدا نۆۋەتتە دەل مۇشۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلمەكتە. خىتاي ھالاكەتتىن قۇتۇلۇش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم، مۇستەبىت تۈزۈمدىن ۋاز كېچىشى ۋە دەرھال دېموكراتىك ئىسلاھاتنى باشلىشى كېرەك.

ليۇ ياجۇ بۇ يىل 52 ياش بولۇپ، خىتاينىڭ سابىق رەئىسلىرىدىن لى شيەننەننىڭ كۈيئوغلى، ئۇ خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئوچۇق سۆزلۈكى ۋە ئىسلاھاتچى مەيدانى بىلەن تونۇلغان. ئۇ ئۆتكەن يىلى بىر خوڭكوڭ مەتبۇئاتىدا پىكىر بايان قىلىپ، 1989 ‏- يىلى تيەنئەنمېن ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ھەربىي ئەمەلدارلار ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن بىر قېتىملىق تالاش - تارتىشنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ شۇ قېتىمقى سۆزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ئەينى چاغدا تيەنئەنمېن مەيدانىغا ئەسكەر كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرغۇچىلاردىن بىرىدۇر.

گېنېرال ليۇ ياجۇ مەزكۇر چاقىرىقىنى ئېلان قىلىپ 2 كۈن كېيىن، بېيجىڭ تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىساد پروفېسسورى خۇ شىڭدۇ، خۇ جىنتاۋغا قارىتىپ بىر ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان. ئۇمۇ خېتىدە، خىتاي كومپارتىيىسىنى ئىسلاھاتقا چاقىرغان؛ ئەمما ئۇ ئۈزۈل ‏ - كېسىل ئىسلاھات ئەمەس، بالداقمۇ - بالداق ئىسلاھات پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سوتسىيالىزم يولىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى، ئەمما، خەلقنىڭ ئەركىن سايلام ۋە ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان. خۇ شىڭدۇ ئۆزىنىڭ ئىسلاھات لايىھىسىنى ئاساسىي قانۇنلۇق سوتسىيالىزم دەپ ئاتىغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.