خىتاينىڭ، ھەربىي قوراللىرىمىز 'تەيۋەن، ئۇيغۇر، تىبەت مۇستەقىلچىلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن' دېگىنىگە ئامېرىكا ئىشىنەمدۇ؟

خىتاي كوممۇنىست پارتىيە ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى شۈ سەيخۇ ھازىر ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ، ئۇ ئامېرىكا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشى پەقەت تەيۋەن، شىنجاڭ، تىبەت مۇستەقىلچىلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ دەپ چۈشەندۈرگەن. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر بۇ گەپكە ئىشەنمەيدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.10.27
Xitay-herbi-parat-oct-1-atom-bomba 1-ئۆكتەبىر كۈنى، خىتاي دۆلەت بايرىمىدا پاراتتىن ئۆتۈۋاتقان خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ كۆرۈنۈشى.
AFP Photo

خىتاي كوممۇنىست پارتىيە ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى شۈ سەيخۇ ھازىر ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ، ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، شۈ سەيخۇنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى 11‏ - ئاينىڭ 3 ‏ - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي جەھەتتىكى ئۆز - ئارا ئىشەنمەسلىكنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. شۈ سەيخۇ ئامېرىكىغا كېلىپلا، ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك قوماندانلىق شىتابىنى، تىنچ ئوكيان ئارمىيىسى قوماندانلىق شىتابىنى ۋە ھاۋا، دېڭىز، قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ ئۈچ قوماندانلىق شىتابىنى زىيارەت قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ئالىي دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى ئامېرىكا خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدە قىلغان سۆزىدە 'خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ھەربىي قوراللارنى تەرەققى قىلدۇرۇشى ئامېرىكىغا قارىتىلغان' دېگەن باھالارنى رەت قىلىپ 'بىزنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرىشىمىز تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ۋە تىبەت مۇستەقىلچىلىرىگە قارىتىلغان، چۈنكى دۆلىتىمىز تېخى بىرلىككە كەلتۈرۈلگىنى يوق' دەپ چۈشەندۈرگەن. ئەمما شۈ سەيخۇنىڭ بۇ گەپلىرىگە مۇتەخەسسىسلەر ئىشەنمەيدۇ.

بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاينىڭ بىر ھەربىي ئەمەلدارى بىزنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئېلىپ ماڭىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىمىز ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجىلىس، نيۇيورك شەھەرلىرىگە يېتىدۇ، دەپ تەھدىت سالغان ئىدى

تۈركىيىدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتوتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاينىڭ بىر ھەربىي ئەمەلدارى بىزنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئېلىپ ماڭىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىمىز ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجىلىس، نيۇيورك شەھەرلىرىگە يېتىدۇ، دەپ تەھدىت سالغان ئىدى. ئەمدى خىتاي بۇ ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى كىشىلەر ئادەم ئالداۋاتىدۇ، دەپ چۈشىنىشى مۇمكىن.

خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىغا قارىتىلغان

ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان جەمئىيەتشۇناس، ئىقتىسادشۇناس چېن شاۋنۇڭ خىتاينىڭ بۇ ئالىي دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە ھەرگىز ئىشەنمەيدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئاتالمىش يادرو قورالىرى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا تەييارلانغان ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ئامېرىكىغا قارىتىلغان. ئۇنىڭ قاراتمىلىقى رۇسىيىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە. بىر نەچچە مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى كۆزلەپ ياسالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى، سۇ ئاستى پاراخوتلاردىن بىر نەچچە مىڭ كىلومېتىر يېراقلىققا ئاتىدىغان يادرو قوراللارنى تەيۋەنگە قارىتىلغان دېسە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ، چۈنكى تەيۋەن ئاران خىتايدىن بىر نەچچە يۈز كىلومېتىر يېراقلىقتا.

شۈ سەيخۇنىڭ بۇ گەپلىرى ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنى ھاماقەت چاغلىغانلىق

چېن شاۋنۇڭنىڭ قارىشىچە، شۈ سەيخۇنىڭ بۇ گەپلىرى راس گەپ ئەمەس، ھەربىي ساۋاتلاردىن ئازاراق خەۋىرى بار ھەر قانداق ئادەم بۇنى بىلەلەيدۇ. بۇ قوراللار ئۇيغۇر، تىبەت مۇستەقىلچىلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ياسالغان دېگىنى تېخىمۇ قاملاشمىغان گەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ، تىبەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان كىشىلەر يېراق بىر جايدا ئەمەس، خىتاي ئۇلارنى ھەربىي قىسىملىرى بىلەن مۇھاسىرىگە ئېلىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلارغا ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا يادرو بومبىسى قاچىلاپ ئېتىش ھاجەت ئەمەس، شۈ سەيخۇنىڭ 'جۇڭگونىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى تەيۋەن، ئۇيغۇر، تىبەت مۇستەقىلچىلىرىگە قارىتىلغان' دەپ چۈشەندۈرگەنلىكى ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنى ھاماقەت چاغلىغانلىق.

ئەگەر ئۇيغۇرلار بۇنداق گەپلەرگە ئىشەنسە نامايىش قىلمايتتى

خىتاي كوممۇنىست پارتىيە ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ سەيخۇنىڭ بۇ گېپىگە ئۇيغۇرلار ئىشىنەمدۇ؟ ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئۇيغۇرلار بۇنداق گەپلەرگە ئىشەنسە نامايىش قىلمايتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Oct 27, 2009 09:44 PM

ﺧﯩﺘﺘﺎﻳﻼﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯧﻠﯩﻦ ﺧﻪﻕ.. ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺩﯨﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺑﻮﻣﺒﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ.. ﺷﯘ ﺑﻮﻣﺒﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﯩﺸﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﯪﺗﻤﻨﻰ ،، ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ ﯪﻧﺎﻣﻨﻰ ﯬﺳﻠﯩﮕﯩﻨﯩﻤﺪﻩ ،، . .. ﺑﯘ ﺑﻮﻣﺒﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﯪﺋﯩﻠﻪﻣﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﯩﻼ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﻫﯩﺴﻼﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ . . ﺧﯘﺩﺍ ﯻﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﺴﺎ . . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﯪﺭﻣﯩﻴﻪﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ . . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺑﻮﻣﺒﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯗ.. ﺷﯘ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ،، ﺧﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻗﯧﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﻳﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ،،ﺧﺘﺎﻳﻐﺎ ﯪﺗﯩﻤﯩﺰ.. ﻫﯘﺭﺭﺭﺭﺍ ﻫﯘﺭﺭﺭﺭﺍ . . . . .. .

Anonymous
Oct 28, 2009 08:10 AM

ﺷﯘ ﺳﻪﻳﺨﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ -ﯪﺳﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭ.ﯰﻳﻐﯘﺭ،ﺗﯩﺒﻪﺕ،ﺗﻪﻳﯟﻩﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻣﯘ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺩﻭﻟﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﺩﯗﺷﻤﻪﻥ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺑﯘ ﺑﻮﻣﺒﯩﻼﺭﻧﻰ ﺷﯘﻻﺭﻏﺎ -ﯻﺸﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

Anonymous
Oct 29, 2009 05:04 AM

ﻣﻪﻧﻤﯘ ﯬﺷﻪﻧﻤﻪﻳﻤﻪﻥ.

Anonymous
Oct 29, 2009 09:53 AM

ﯪﺩﻡ ﯬﻣﻪﺱ ﻫﺎﻳﯟﺍﻥ ﻫﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻗﺎﻳﺪﯛ!!!!

Anonymous
Oct 28, 2009 05:56 AM

ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﮔﯩﭙﯩﮕﻪ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ