ئامېرىكا خىتاينى ھەربىي سېلىنمىدا ئوچۇق - ئاشكارا بولماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى

ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ سېرىق دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينى ئوچۇق - ئاشكارا بولماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى.

0:00 / 0:00

دەرۋەقە، خىتاينىڭ رايوندا كۈنسايىن زورىيىشى ۋە ھەربىي سېلىنمىلىرىنىڭ كۆپلۈكى ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىدە گۇمان پەيدا قىلىۋاتقان ئىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورىيە بىلەن سېرىق دېڭىزدا مانېۋىر ئېلىپ بېرىشىمۇ ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىگە سەۋەب بولدى. بۇنىڭغا قارىتا ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى.

بەزىلەر بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيىگە قارىتا بەرگەن سىگنالى ئىكەنلىكىنى دېيىشسە، بەزىلەر بۇنىڭ خىتايغا قارىتىلغان بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى دېيىشتى. خىتايمۇ ئامېرىكا - جەنۇبىي كورىيە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئۆزىنى نىشان قىلغان دەپ قاراپ، بۇنىڭغا قارىتا نارازىلىقىنى ئىزچىل ئىپادە قىلىپ كەلدى. بۇ ھەقتە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، "خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىسىنى سېرىق دېڭىزدا توختىتىپ قويۇشى پەقەتلا قۇرۇق سۆلەتۋازلىق، ئۇلار خىتايغا ھەرگىزمۇ چېقىلالمايدۇ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى مۇھاسىرىگە ئېلىش خام خىيالى ھەرگىزمۇ ئىشقا ئاشمايدۇ" دېگەندەك باھالار بېرىلگەن ۋە خىتاي ئامېرىكىدىن قورقۇپ قالمايدۇ، دەيدىغان باھالارمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئۇنداقتا، ئامېرىكىنىڭ سېرىق دېڭىزدىكى ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىشىدىكى مەقسەت نېمە ئىدى. تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا، ئامېرىكا بۇنى شىمالىي كورىيىگە بېرىلگەن سىگنال دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنىمۇ يوشۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە بۇندىن كېيىن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇپ، يىلدا بىر قانچە قېتىمغا چىقارغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنى پات - پات خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا كۆرۈشكە بولىدىكەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قىلىشى خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنمىلىرىنىڭ ۋە ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

دەرۋەقە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھازىر دېڭىز ئاستى قوراللىرى، ھەربىي پاراخوت ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قۇرۇلۇشىغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ھەربىي سېلىنمىغا ئايرىغان مالىيىسى 150 مىليارد دوللار ئىكەن.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئاسىيادىكى ھەربىي كۈچى ئەڭ زور دۆلەت بولۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھەقىقەتەن ئاسىيادا ھەربىي جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى چۆچۈتۈپ، تەبىئىي ھالدا ئۇلارنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرالايدىغان ئامېرىكىدەك بىر دۆلەتكە يېقىنلىشىشىغا يول ئاچىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي قوشنا دۆلەتلەر ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۆزىگە زىيانلىق ئىكەن.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنما جەھەتتىكى ئوچۇق - ئاشكارىلىقىدا ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا ئازراق بىر ياخشىلىنىش بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ تەلتۆكۈس ئاشكارىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلماقتا.

ئەمما ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە دۆلەت ئىشلىرىدا ئوچۇق - ئاشكارا بولۇش دەيدىغان ئۇقۇمنىڭ يوقلۇقىنى، شۇڭا بۇنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.