خىتاي، ھىندىستان بىلەن تالاش تارتىشتا قالغان رايونلارغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن

ھىندىستان يېقىندىن بۇيان جاممۇ كەشمىر، ئارونۇچېل پارادېيش، ئاقسايچىن قاتارلىق ھىندىستان ئەمەلىي ئىگىلەپ تۇرغان چېگرا رايونلارغا ئەسكەر يۆتكىمەكتە.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012.03.16
erkin-ekrem-stratigye-305.png سۇرەتتە: ئىستىراتىگەيە مۇتەخەسىسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، ئىستىراگىيە توغرىسىدا لېكىسىيە بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشى.
Photo: RFA

ھىندىستاننىڭ يېقىندا لاداخ رايونىدىكى كارگىل دېگەن ئورۇندىكى ئايرودرومنى ھەربىي ئايرودرومغا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كېڭەيتىپ ياساۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھىندىستان ھەربىي خامچوتنى 17% پرسەنت ئاشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھىندىستاننىڭ ۋەزىيىتىدە بىر جىددىيچىلىك يۈز بېرىۋاتىدۇ، ھىندىستاننىڭ مىنسىتىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى داۋاملىق، خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتە تەھدىت بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا تالاش تارتىشتا قالغان، ئارۇنوچېل، پارىدېش، ئاقسايچىن قاتارلىق رايونلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ رايونلارنى بېسىۋېلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا توخىتماي بايانات بېرىۋاتىدۇ، ھىندىستاننىڭ سىياسىي ئانالىزچىلىرى ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىمۇ تەييارلىغان دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ ھىندىستان ئۈچۈن چوڭ بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى دوكلات قىلماقتا ۋە ھىندىستاننى خىتاينىڭ ھەربىي ھۇجۇم قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەييار تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئاگاھلاندۇرماقتا. ھىندىستان ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەقتە ئارقا - ئارقىدىن بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايان قىلىپ كەلمەكتە.

يېقىندا پاكىستاندا چىقىدىغان ئىتلائات ناملىق گېزىتنىڭ تور بېتىدە خىتاي ھىندىستان رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: ھىندىستان مۇداپىئە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي جاممۇ كەشمىر، ئاروناچېل ۋە پارىدېيش قاتارلىق ھىندىستان رايونلىرىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن چوڭ ھەجىمدە ھەربىي ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن ۋە بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى دېھلى تۈنجى بولۇپ خىتاي بىلەن تۇتىشىدىغان چېگراغا جايلاشقان رايونلاردا كەڭ تۈردە ھەربىي مۇداپىئەنى كۈچەيتىش كېرەك، دېيىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە ۋە مۇداپىئە ئىشلىرى تەتقىقاتچىلىرى، سەيشەنبە كۈنى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، ھىندىستان تاشقى ساھەدە دۈچ كېلىدىغان خەۋپنىڭ خىتايدىن كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. دوكلاتتا يەنە ھىندىستاننىڭ تاشقى ساھەدىن كېلىدىغان تەھدىتنى كۆزدە تۇتۇپ 21 - ئەسىردە تاشقى ۋە مۇداپىئە سىياسىتىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي ھىندىستاننىڭ رايونلىرىنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. شۇنىىڭ ئۈچۈن خىتاي چوڭ ھەجىمدە ھەربىي ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن. لاداخ، جاممۇكەشمىر، ئارنوچېل ۋە پاردېيش قاتارلىق رايونلار خىتاينىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇشى مۇمكىن.

دوكلاتتا يەنە، ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن تۇتىشىدىغان چېگرىسىنىڭ بىر قانچە يىلدىن بۇيان تىنچ ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي ھەربىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ھىندىستاننىڭ بىر قانچە رايونلىرىنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. چۈنكى بۇ رايونلار توغرىسىدا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرى بولۇپ، ھەر ئىككى دۆلەت بۇ رايونلارنى ئۆزلىرىنىڭ زېمىن تەۋەلىكى دەپ داۋا قىلىدۇ.

بۇ دوكلات دېھلىنىڭ ئەشۋاك مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا ئوقۇپ ئۆتۈلگەن بولۇپ بۇ يىغىنغا، ھىندىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك باش مەسلىھەتچىسى شىيو شېنكىر، ھىندىستان باش مىنىستىرى مامۇنخان سېنگنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلىك شىيام سېرىن، دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىسى گېنېرال پركاش مېيىن قاتارلىق ھىندىستاننىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشقان.

ھىندىستان ئاخباراتلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئاخباراتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، ھىندىستاننىڭ چېگرا تالاش - تارتىش مەسىلىسىدە قوشنا دۆلەت خىتايغا قارشى چوڭ تىپتا ئۇرۇش قىلىش تەييارلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى يېڭى دېھلى بۇ ھەقتە بېيجىڭنىڭ زۇمىگەرلىك مەيدانىدىن ئىنتايىن قايغۇلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھىندىستان بىلەن تۇتىشىدىغان چېگراغا 500 مىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇش شارائىتى ھازىرلىدى.

پاكىستاننىڭ قەبىلە ئاخباراتى ناملىق گېزىتىنىڭ تور بېتىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھىندىستاننىڭ چېگرىسى ئەتراپىغا 500 مىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇش شارائىتى ھازىرلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خەۋەردە يەنە خىتاي ھىندىستاننىڭ چېگرا ئەتراپىدىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ پاكىستان چېگرالىرىغا يېقىن ئەتراپتا يول ياساش ۋە قۇرۇلۇش سېلىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھىندىستان ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ئارمىيىسى، باش مىنىستىر مانمۇنخان سېنگھ گە بۇ ھەقتە دوكلات بېرىپ خىتاينىڭ تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىش ئېتىمالى بولغان ۋەزىيەتتىن ئاگاھلاندۇرغان. ھىندىستان ئارمىيىسى، باش مىنىستىر مانمۇنخان سىنگھ گە بەرگەن دوكلاتىدا يەنە، بېيجىڭنىڭ يېڭى دېھلىگە بېسىم قىلىشقا ئۇرۇنۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ۋە بۇ مەقسەتتە يېقىن كەلگۈسى ئىچىدە ئارونېچىل، پارېدېش رايونلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن يىلى 12 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھىندىستان باش مىنىستىرى مانمۇھنخان سېنگھ بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىش مەقسىتى بارلىقىدىن ھېچ شەك يوقلۇقىنى ئىپادىلىگەن.

ھىندىستان نېمە ئۈچۈن توختىماي ئارقا - ئارقىدىن بۇ خىل باياناتلارنى ئېلان قىلىدۇ؟ يېقىندىن بۇيان ھىندىستان - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە قانداق ۋەزىيەت شەكىللىنىۋاتىدۇ؟ خىتاينىڭ راستىنلا ھىندىستان بىلەن تالاش تارتىشتا قالغان زېمىننى بېسىۋېلىش مەقسىتى بارمۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ ئەنقەرەدە شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.