"خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك"

خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى دۆلەت بايرىمىنى قوغداش توغرىسىدا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 'جەمئىيەتتە ھەرخىل زىددىيەتلەر مۇرەككەپلەشتى، ھازىر جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش جەھەتتە ۋەزىيەت يەنىلا ناھايىتى كەسكىن،' دەپ كۆرسەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.10.01
saqchi-uyghur-qiz-tekshurush-305 ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ بىرىدە، خىتاي ساقچى بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ سوراق قىلماقتا. (ئورنى ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
AFP Photo

نۇر بەكرى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ كۆرسەتمىسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تور بېتىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ روزى ھېيتى جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى، ساياھەت قىلغۇچىلارنى قاتتىق تەكشۈرۈشنى، جايلاردا ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئائىلىلەرگىچە بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەكىتلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 'دۆلەت بايرىمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش' دېگەن نام بىلەن ھازىر ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئادەم تۇتۇش، ئاختۇرۇش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز - ئارا بېرىش - كېلىش قىلىشىنىمۇ چەكلىمەكتە

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنىڭ روزى ھېيتى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدە كىملىك رەسمىيىتى يوق كىشىلەرنى تۇتۇۋاتىدۇ، شەھەردىن قوغلاۋاتىدۇ. قەشقەر، غۇلجا، خوتەن يېزىلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز - ئارا بېرىش كېلىش قىلىشىنى چەكلەۋاتىدۇ.

خىتاي ئۆزىنىڭ دۆلەت بايرىمى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغان قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ئۆزىنىڭ دۆلەت بايرىمى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغان قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.