خىتاي ' يېشىل توسما ' ئارقىلىق ئىنتېرنېتنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلماقچى

خىتاي ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە خىتاي يولغا قويماقچى بولۇۋاتقان "يېشىل توسما" سېستىمىسى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ يەر ئالدى ۋە جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.06.15
Xitay-Internet-cheklesh-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ.
AFP Photo

خىتاي سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قارار چىقىرىپ، 7 - ئاينىڭ 1‏ - كۈنىدىن ئېتىبارەن خىتايدا سېتىلىدىغان بارلىق كومپيۇتېرلارغا "يېشىل توسما" سىستېمىسىنى قاچىلىماقچى. بۇ سىستېما چەتئەللەردىن كىرگۈزۈلگەن كومپيۇتېرلارغىمۇ بىردەك قاچىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ سېستىمىنى گۇيجۇ جىڭيۈ كومپيۇتېر سىستېما قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئىكەن. گەرچە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ بۇ سىستېمىنىڭ ياش ئۆسمۈر بالىلارنى زىيانلىق ۋە مەزمۇنى ساغلام بولمىغان تور بەتلىرىنىڭ زىيىنىدىن ساقلاش ئۈچۈن يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا كىشىلەر گۇمان بىلەن قارىماقتا.

بۇ خەۋەر پۈتۈن دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئالاھىدە ئورۇن ئالغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بەزى تور بەتلىرىگە چەكلىمە قويۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ سىستېمىنى قاچىلاشنىڭ بۇنىڭدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئېغىر قىلمىش ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئىنتېرنېتكە قويغان چەكلىمە دائىرىسىنى ھازىرقىدىنمۇ بەك كېڭەيتكەنلىك مەنىسىگە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

ب ب س دا چىققان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تور ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزى تەتقىقاتچىسى "يېشىل توسما" سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىك سېستىمىسدا نۇرغۇن بوشلۇقلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، بۇنىڭ تور ساھەسىدىكى قارا مېھمانلارغا ئابونتلارنىڭ مەخپىي بەلگىلىرىنى ئوغرىلايدىغانغا ياخشى بىر شارائىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، ھەتتا قارا مېھمانلارنىڭ پۈتۈن ئۇچۇرلارنى قولغا چۈشۈرۈش ۋە يامان نىيەتلىك سېستىمىلارنى قاچىلاش ئارقىلىق چوڭ كۆلەملىك بىر ۋەيرانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشىغا مەيدان ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىدىكى يۇمشاق دېتال ئېنژىنىرى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى بۇ سىستېمىنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇلار دېگەندەك بالىلارنى قوغداش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتى. ئۇ، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىمۇ بالىلارنى تورنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداشتەك سىستېمىلارنىڭ بارلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ خىتاينىڭكى بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئېيتى.

يۇمشاق دېتال ئېنژىنېرى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى بۇ سىستېمىنىڭ تور ئابونتلىرىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان بىر كۆزەتكۈچى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇنىڭ تور ئابونتلىرى ئۈچۈن خەتەرلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

خىتايدا ھازىر ۋىدىئو ئورتاقلىشىش تور بېتى بولغان يۇتۇب ۋە ب ب س خەۋەر قانىلىنىڭ خىتايچە تور بېتى چەكلەنگەن بولۇپ، تور ئابونتلىرى بۇ تور بەتلەرگە كىرەلمەيدۇ. كىشىلەر بۇ "يېشىل توسما" ناملىق بۇ سىستېما ئارقىلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا بوغۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.