خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئىنكاس قوزغىدى

ۋېن جياباۋنىڭ خىتاي باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ئاز قالغان مەزگىلدە، خىتايدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىشى، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى قوزغىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.03.14
wen-jyabaw-xitay-qurultiyi-305.jpg خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئىككى يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا مۇخبىرلارنى قوبۇل قىلدى. 2012-يىلى 14-مارت. بېيجىڭ.
AFP

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات بولمىغىنىدا، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 14-مارت چارشەنبە كۈنى خەلق قۇرۇلتىيى زالىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ خىتايدىكى ئىسلاھات ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتايدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«نۆۋەتتە ئىسلاھات ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كەلدى. سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى غەلىبىگە ئېرىشمىگىنىدە، ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئىسلاھاتىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئەسلىدە ئېرىشىپ بولغان نەتىجىلەرمۇ قولدىن كېتىشى مۇمكىن. جەمئىيەتتە يېڭىدىن پەيدا بولغان مەسىلىلەرمۇ نېگىزىدىن ھەل بولمايدۇ.»

ۋېن جياباۋ سۆزىدە يەنە، تارىختا خىتايغا زور ئاپەت ئېلىپ كەلگەن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدەك پاجىئەنىڭ يەنە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ بۇ خىل ئېھتىماللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:
‏«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىغا ئوخشاش بۇ خىل تارىخى تراگېدىيە يەنە يۈز بېرىشى مۇمكىن. مەسئۇلىيەتچان تۇيغۇسىغا ئىگە ھەر بىر بار پارتىيە ئەزاسى ھەم رەھبىرى كادىر بۇ خىل ئەھۋالنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ئاگاھ بولۇشى كېرەك.»

يەنە نەچچە ئايدىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشىدىغان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىشى، غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

14-مارت كۈنى ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزە ماقالىسىدە، نۇقتىلىق ھالدا ۋېن جياباۋنىڭ ئىسلاھات تەشەببۇسى ھەم ئۇنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى پاجىئەسىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلەپ، بۆ شىلەي قاتارلىق چۇڭچىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئاشكارا تەنقىدلەش پوزىتسىيىسىگە قارىتا، خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچى ئانالىزچىلارنىڭ ئىنكاسلىرى بېرىلدى.

خوڭكوڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەت ئىلمى پروفېسسورى دىڭ شۆلئاڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بۇ خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ سىياسىي ئىسلاھاتى ھەم خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئەڭ كونكرېت ئەڭ سەمىمىي پوزىتسىيىنى ئىپادىلىشى بولدى» دېگەن.

دىڭ شۆلياڭ ئەپەندى يەنە ۋېن جياباۋنىڭ خىتايدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابى ھەققىدىكى باھاسى ئۈستىدە توختىلىپ، «بۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ھەققىدىكى تېمىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ خىتايغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنى ئېتىراپ قىلىشى ھېسابلىنىدۇ شۇنداقلا خىتاي جەمئىيىتىدە ھەقىقەتەن يېڭىدىن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى يۈز بېرىش خەتىرى بارلىقىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇر» دېگەن.

بۇ قېتىمقى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ۋېن جياباۋ يەنە رويتېرس ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ «ھازىرقى چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم ھەم شەھەرلىك ھۆكۈمەت چوقۇم قايتا ئويلىنىپ، ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسىدىن ئەستايىدىللىق بىلەن ساۋاق ئېلىشى كېرەك» دېگەن. فرانسىيە رادىئو خەۋەرلىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ۋېن جياباۋ ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى ھەققىدە توختالغىنىدا، چۇڭچىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى تەنقىدلىدى. ۋېن جياباۋنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى، خىتاي يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسىگە قارىتا ئاشكارا ھالدىكى ئىنكاسى. بۇ، بۆ شىلەي ئۈچۈن بىر زەربە بولۇشى مۇمكىن» دەپ باھا بەرگەن.

ۋېن جياباۋ يەنە، مۇخبىرلارنىڭ خىتايدىكى تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر مەسىلىلىرى، تەيۋەن، خوڭكوڭ مەسىلىسى، خىتاي -ئامېرىكا سودىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق مۇناسىۋىتى، خىتاي پۇلى قىممىتىنى ئۆرلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگىمۇ جاۋاب بەرگەن.

بۇ قېتىمقى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى ۋېن جياباۋنىڭ جاۋابى ھەققىدە مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن ئىنكاسلاردا يەنە، ۋېن جياباۋ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بۇ يىللاردا ئىلگىرى كۆپ قېتىم خىتايدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھەم خىتايدا مەۋجۇت ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى، ئەمما بۇندىن ئىلگىرى بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەقىقىي يوسۇندا ھەل قىلىنمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ۋېن جياباۋنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ئاز قالغان مەزگىلدە، خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىشىنىڭ يەنىلا قۇرۇق شوئار بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتايغا نەزەر تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە، ۋېن جياباۋنىڭ، خىتاي سەرگەردان يازغۇچىسى يۈ جې تەرىپىدىن يېزىلىپ خوڭكوڭدا نەشر قىلىنغان «خىتايدىكى ئەڭ ئۇستا ئارتىس ۋېن جياباۋ» ناملىق كىتابتا تەسۋىرلەنگەندەك ئارتىستلىق رولىنى ئېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.