راند شىركىتىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرى (2)
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.06.27
2008.06.27
بۇ دوكلات 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا قىسقارتىپ ئېلان قىلىنغاندا ئەسكەرتىلىشىچە، راند شىركىتىنىڭ بۇ دوكلاتىدا خىتاي ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەقىلگە مۇۋاپىق باھا ۋە كەسكىن تەنقىدلەر كىشىلەرنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدۇ. تۆۋەندىكى بايانلار بۇ دوكلاتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى.
خىتايدا ئەزەلدىن قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەت بەرپا قىلىنغان ئەمەس
راند شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ئەزەلدىن قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەت بەرپا قىلىنىپ باققان ئەمەس. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، خىتايلار قانداق قىلىپ قانۇنغا تاقابىل تۇرۇشنى ئويلاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلار ھەمىشە 'چىغىر يول بىلەن مەنزىلگە يېتىش'نى ئويلايدۇ.ئۇلار نەتىجە قازىنىشنىڭ تېرىشىپ ئىشلەش ۋە بەدەل تۆلەش ئارقىلىق بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. خىتايلار پەقەت بەدەل تۆلىمەيلا پايدا ئېلىشنى كۆزلەيدۇ. ئۇلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، ھاياتنىڭ مەنىسى سىنىڭ قانچىلىك كۆپ مەنپەئەت ئالغانلىقىڭدا ئەمەس، بەلكى سىنىڭ باشقا ئىنسانلارغا قانچىلىك تەقدىم قىلغانلىقىڭدا ئىپادىلىنىدۇ.
خىتايلارنىڭ خىيالىغا كىرىپ - چىقىدىغىنى ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا مەرتىۋىلىك قىلىپ كۆرسىتىش
راند شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايلارنىڭ كۆپىنچىسى يۈز - ئابروي ۋە ئىززەت - ھۈرمەت دېگەننىڭ تۇرمۇشتىكى ئەھمىيىتىنى بىلىپ يەتكەن ئەمەس. خىتايلار ئۆزىنىڭ ۋە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پاراۋان بولۇشى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ياشاش دېگەننى بىلمەيدۇ. خىتايلارنىڭ خىيالىغا كىرىپ - چىقىدىغىنى تۇرمۇشتا قانداق قىلىپ ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا مەرتىۋىلىك قىلىپ كۆرسىتىشتىنلا ئىبارەت. ئۇلار يۈز - ئابروي ۋە مەرتىۋە قازىنىشتىنلا مەمنۇن بولىدۇ. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، يۈز - ئابروي دېگەن نەرسىلا خىتايلاردا ئەڭ ئاساسىي ئېلىمىنت.خىتايلار ئۆزىنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشى ۋە مول مەزمۇنلۇق تۇرمۇش كۆچۈرۈشىگە توسالغۇ بولىدىغان بۇ نەرسىگە خاتىمە بېرىشنى ئويلىمايدۇ. خىتايلارنىڭ شەخسىيەتچى بولۇپ قېلىشىغا ۋە خىتاي جەمئىيىتىنىڭ قالاقلىقتا تۇرۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان بۇ ئىللەت چۇقۇم تەنقىد قىلىنىشى لازىم.
خىتايلاردا ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشقا جۈرئەت قىلىدىغان باتۇرلۇق يوق
راند شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايلاردا ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشقا جۈرئەت قىلىدىغان باتۇرلۇق يوق. ئالدى بىلەن، خىتايلارنىڭ خىيالىنى ئاچكۆزلۈك چىرمىۋالغان بولغاچقا، ئۇلاردا خاتا بىلەن توغرىنى تاسقاپ ئايرىپ چىقىدىغان قابىلىيەت يوق.ئۇنىڭدىن قالسا، مۇبادا خىتايلاردا توغرا بىلەن خاتانى ئايرىيالايدىغان قابىلىيەت بار دەپ دەۋا قىلىدىغانلار چىقسىمۇ، ئەمما ئۇلار خىتايلاردا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرىدىغان باتۇرلۇق بار دەپ ئوتتۇرىغا چىقالمايدۇ.
خىتايلار قىممىتى تۆۋەن ياكى ھەقسىز نەرسىنى قوبۇل قىلىشقا ئادەتلەنگەن
راند شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايلار قىممىتى تۆۋەن ياكى ھەقسىز نەرسىنى قوبۇل قىلىشقا ئادەتلەنگەن. خىتايلار تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالىمايدۇ، تەييارغا ھەييار بولۇۋالىدۇ، ئۇلار ھامان غايىپتىن ئامەت كېلىشىنى كۈتىدۇ.ئىززەت - ئابرۇي، ۋە نەتىجە دېگەننىڭ تىرىشىپ ئىشلەش، قۇربان بېرىش، بەدەل تۆلەش ئارقىلىق بىر - بىرلەپ قازىنىلىدىغانلىقىنى بىلىدىغان خىتايلار ناھايىتى ئاز.
خىتايلار ياش ۋاقتىدىكى مائارىپ تەربىيىسىدىلا يالغانچىلىق قىلىشنى ۋە باشقىلارنى باپلاشنى ئۆگىنىپ چىققان
راند شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايلارنىڭ كۆپىنچىسى نامراتلىق باسقان ۋە مائارىپ تەربىيىسى كام مۇھىتتا چوڭ بولغاچقا، ئۇلار ئەقەللىي ئەدەپ - قائىدىنى ۋە سالاپەتلىك ئىش - ھەرىكەتنى بىلمەيدۇ.ئۇلار ئادەتتە ناھايىتى ئۇياتچان كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تەق - تۇرقى بەد - بەشىرە. خىتايلار ياش ۋاقتىدىكى مائارىپ تەربىيىسىدىلا يالغانچىلىق قىلىشنى ۋە ئۆزىدە بار نەرسىنىڭ ھالاۋىتىنى باشقىلار بىلەن تەڭ كۆرۈش ئەمەس، بەلكى باشقىلارنى قانداق باپلاشنى ئۆگىنىپ چىققان.
خىتاي پەيدىن - پەي دۇنيا بۇيىچە ئىنسانىيەت ياشاشقا ئەڭ مۇۋاپىق بولمىغان دۆلەتكە ئايلانماقتا
راند شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئەرزان باھالىق ماللارنىڭ، ئىشلەش تېخنىكىسى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى قالاق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېكسپورت قىلىنغان رايونلاردا قازانغان ئىناۋىتى تۆۋەن.خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا كەتكەن سەرپىيات ياپونىيە، ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە قارىغاندا كۆپ يۇقىرى. شۇڭلاشقا خىتايدا مەھسۇلات قانچە كۆپ ئىشلەپچىقىرىلغانسېرى، ئۇنىڭدا ئىسراپ قىلىنغان ئېنېرگىيە شۇنچە كۆپ بولماقتا.
خىتايدا ئىشلەپچىقىرىش كېڭەيتىلگەنسېرى ئېنېرگىيە ئىسراپچىلىقى شۇنچە كۆپ بولۇۋاتقان بۇنداق ھادىسە تۈپەيلىدىن، خىتايدا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ، خىتاي پەيدىن - پەي دۇنيا بۇيىچە ئىنسانىيەت ياشاشقا ئەڭ مۇۋاپىق بولمىغان دۆلەتكە ئايلانماقتا.