خىتاي جار سېلىۋاتقان باستۇرۇش چاقىرىقلىرى مۇقىملىق ئۈچۈن ئىشقا يارامدۇ؟
2011.08.09
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە بولۇۋاتقان ۋەقەلەر، تۈزۈمنىڭ بوشلۇقىدىن، سىياسەتنىڭ كەڭلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغانلىقىدىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، خىتاينىڭ خوتەن ۋە قەشقەر ۋەقەسىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى باستۇرۇش چاقىرىقلىرى ۋە ئىجرائاتلىرى رايون خەلقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىنى قورقۇتۇش ۋە تىنچلاندۇرۇش قۇدرىتىگە ئىگە ئەمەس. ئۇنىڭ ئەكسىچە، رايون خەلقىنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرۈش، غەزەپلەندۈرۈش ۋە سەۋرسىزلەندۈرۈش رولىغا ئىگە.
يېقىنقى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىغا، قار قاپلانلىرى دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر تۈر ئالاھىدە تەربىيىلەنگەن، قوراللىق قىسىمنى يۆتكىگەن. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، بۇ قىسىمنىڭمۇ، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى بېسىقتۇرۇشتا ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، بىر قىسىم دۆلەت ئاپپاراتلىرى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىشى، ھەرگىز خىتاينىڭ قوراللىق كۈچلىرىنىڭ سانىنىڭ ئازلىقى ياكى ھەربىي تېخنىكىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئەمەس. بەلكى، ئەسكىرىي كۈچنىڭ ھەر ۋاقىت، ھەممە يەردە كارغا كەلمەيدىغانلىقى، ھەرقانداق بىر قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭمۇ ئاجىز نۇقلىرىنىڭ بولىدىغانلىقى، بىر جەمئىيەتتە ئادالەت بولمىسا، يالغۇز قورال كۈچىگە تايىنىپ تىنچلىقنى ساقلاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى سەۋەبىدىندۇر.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى يەنە، بۈگۈنكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ چەكلىك ئىمكانلار دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بەلگىلىك دەرىجىدىكى ئىلغار قورال، كۈچلۈك ئەسلىھەلەرگە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ تۇغۇلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئاقىۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىگە قوراللىق جاۋاب قايتۇرۇش يولىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
يۇقىرىدا قاراشلىرىنى بايان قىلغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدىكى ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندىدۇر. ئۇ نۆۋەتتىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارا جامائەتتە پەيدا قىلغان تەسىرلىرى ھەققىدە توختالدى.