خىتاي ئىناق جەمئىيەت قۇرۇۋاتامدۇ ياكى...

بۈگۈن، بېيجىڭدا 8‏ - ئاينىڭ 8 ‏ - كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچتىن بىرى تۈگەپ قالغان ۋاقىتتا، خەلقئارادا ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئېلان قىلغان خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەردە يەنىلا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىلگەن تىبەت، ئۇيغۇر مەسىلىسى گەۋدىلەندۈرۈلدى. بۇ مەسىلىلەر بېرىپ خىتاي ھازىر ئىناق جەمئىيەت قۇرۇۋاتامدۇ ياكى نېمە قۇرۇۋاتىدۇ دېگەن مەسىلىگە تاقالدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.08.14
qeshqer-somka-axturush-305 4 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻫﯘﺟﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﻣﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

 خىتاي يەنىلا ئۇيغۇر ۋەقەلىرىنى'ئولىمپىككە مۇناسىۋەتسىز تېررورلۇق ھەرىكەت' دەپ جاكارلىماقتا

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇشۇ ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ قەشقەردىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا، ئاپتوموبىلدىن سەكرەپ چۈشكەن ھۇجۇمچىلار خىتاينىڭ يول توسىدىغان بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن ئۈچنى ئۆلتۈردى. بۇ يېقىنقى 9 كۈن ئىچىدە شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئۈچىنچى قېتىملىق زوراۋانلىق شەكىلدىكى ھۇجۇم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يېقىندىن بۇيان شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بۇ قارشىلىقلارغا، گەرچە ھازىرغا قەدەر چەتئەللەردە ھېچقانداق بىر تەشكىلات ئىگە چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەلەرنى يەنىلا ئولىمپىك بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان تېررورلۇق ھەرىكەت، دەپ جاكارلىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك جەريانىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇلا ئەمەس...

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز يۇرتلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە ھازىر ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋال توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى رەت قىلىۋاتسىمۇ، ئەمما يەنە بەزىلىرى ھەر خىل يوللار بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇۋاتقانلىقىغا ۋە دىنى ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىكىگە قارىتا، ئۆزىنىڭ غەزەپ - نەپرىتىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇسابىقىسى داۋاملىشىۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك جەريانىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇلا ئەمەس، بەلكى بېيجىڭدا يەنە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىمۇ ئۆلتۈرىدىغان ۋەقە يۈز بەردى.

ۋاڭ ۋېي 'جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويۇلغان شەرتلەرنىڭ ھەممىسىگە ۋەدە بەرگەن ئەمەس' دېدى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ئولىمپىكتىن بۇرۇن دۇنياغا بەرگەن ۋەدىلىرىدە تۇرمىغانلىقى، مەسىلەن: ئولىمپىك جەريانىدا ئۈچ باغچىدا نامايىش قىلىشقا بولىدۇ، دەپ ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ھېچكىمگە ئۇ جايلاردا نامايىش قىلىشقا يول قويمىغانلىقى، ھەتتا تىبەتلىكلەرنى رەسىمگە ئالغان ئەنگىلىيە مۇخبىرىنىمۇ قولغا ئالغانلىقى قاتارلىق نەق پاكىتلار بىلەن خىتاينى ئەيىبلەشكە باشلىغاندىن كېيىن، بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە رەئىسى ۋاڭ ۋېي ئەپەندى بۈگۈن 'جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويۇلغان شەرتلەرنىڭ ھەممىسىگە، مەسىلەن: جۇڭگوغا پايدىسىز شەرتلەرگە ۋەدە بەرگەن ئەمەس. ئەمما مەن دۇنيانىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشى ئۈچۈن كۆزنەك ئېچىپ بېرىلىدۇ' دېگەن ئىدىم، دېدى ۋە 'ئەگەر ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش پەيدا بولغان بۇ جۇڭگودا، ھازىر بىركىم قانۇنغا رىئايە قىلمىسا، ئۇ پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىدۇ' دەپ گەپدانلىق قىلدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مۇلاھىزىچىلەر ھازىر، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچتىن بىرى تۈگىگەندىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىچە خەلقنىڭ پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى داۋاملىق چەكلەۋاتقانلىقى، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن بىر چوڭ توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ' دەپ قارىماقتا.

ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ھوقۇقلۇق تەبىقە بىلەن ھوقۇقسىزلار تەبىقىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ

بېيجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناس پروفېسسورى خۇ شىندۇ ئەپەندى مۇخبىرلارغا 'ھازىر خىتاي جەمئىيىتىدە ئاجىز خەلق توپلىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇلار ئاساسەن ئىشچىلار ۋە دېھقانلار. ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى ھازىر بۇ ئاجىز توپلارنى پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇردى. بۇ توپلارنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان مەبلىغى يوق، خالىغان جايغا كۆچۈپ كېتىش ئەركىنلىكى يوق، دۆلەت پۇقراسى سۈپىتىدە ئەمەلدارنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىمۇ يوق. ھۆكۈمەت ئۆزى ھازىر پۇقرالار جەمئىيىتىنى ئاياق - ئاستى قىلىۋاتىدۇ' دەپ بايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر خىتايدىكى ھوقۇقلۇق تەبىقە بىلەن ھوقۇقسىزلار تەبىقىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ.

يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتايدا خەلقنىڭ ھېچقانداق ھوقۇقى بولمىغان، ھەتتا سۆزلەش ئەركىنلىكىمۇ بولمىغان بۇنداق ئادالەتسىزلىكتىن زوراۋانلىق ھەرىكەتلەر چىقىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي رەھبەرلىرى ھازىر قۇرىمەن دەۋاتقىنى پۈتۈن خەلق ئۈچۈن 'ئىناق جەمئىيەت' ئەمەس، بەلكى ئۇ پەقەت خىتاي كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭلا جەمئىيىتى بولۇپ چىقىدۇ.

بۈگۈن باشقا ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىمۇ ئۇيغۇر ۋەقەلىرى تەكرار تىلغا ئېلىندى

بۈگۈن خەلقئارادا يەنە، 'نيۇيورك تايمىس گېزىتى'دە 'مەزكۇر گېزىتنىڭ يازغۇچىسى جەك خۇكېرنىڭ 'خىتاي بېيجىڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ چىڭىتتى' سەرلەۋھىلىك دوكلاتى ئېلان قىلىندى.

'ۋالت سترىت ژۇرنىلى'دىمۇ، مەزكۇر ژورنالنىڭ يازغۇچىسى رىباككا مكىنناننىڭ 'خىتاي ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى چەتئەللىكلەرگە كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن تەدبىر قوللانماقتا' دېگەن دوكلاتى ئېلان قىلىندى.

بۇ دوكلاتلارنىڭ ھەممىسىدە، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىلگەن تىبەت، ئۇيغۇر ۋەقەلىرىنى تەكرارلاپ بايان قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يولسىزلىقلىرى پاش قىلىندى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.