0:00 / 0:00
بۇ خەۋەر ئالدىنقى كۈنى خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. كانادا مەتبۇئاتلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش دېگەنلەرنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن كۈچەيگەن بۇ زۇلۇمنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھارپىسىدا يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەن دەپ قارالغانلىقى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.