كانادادا، ۋېن جياباۋنىڭ ستېۋېن ھارپېرنى ئاممىۋى سورۇندا ئەيىبلىگەنلىكىگە ئائىت مۇنازىرىلەر داۋاملاشماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ
2009.12.16
2009.12.16

AFP Photo
ئەينى چاغدىكى خارپېرگە قىلىنغان بۇ ئەيىبلەش ۋە دارتمىلاشلار، كانادا مەتبۇئات ساھەسىدە جىددى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، مەيلى كانادا خەلقى بولسۇن ۋە ياكى كانادادىكى ئاساسلىق پارتىيىلەر ھېسابلىنىدىغان لىبېرال ۋە كونسېرۋاتىپ پارتىيىلەرگە تەۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا بولسۇن، ۋېن جيابائونىڭ بۇ ھەركىتىنى "ئىنتايىن قوپاللىق ۋە دىپلوماتىك بولمىغان يولسىزلىق" دەپ ئەيىبلىمەكتە.
كانادادا چىقىدىغان "يەر شارى پوچتىسى" گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جون ئىبىتسون بۇ گېزىتتە ئېلان قىلغان "ئاممىۋى سورۇندىكى ئەيىبلەش" ناملىق ماقالىسىدا، ئەينى چاغدىكى ۋېن جيابائونىڭ خارپېرگە قاراتقان دارىتمىلاشلىرىنى ئەسلەپ، ''بۇ بىر كىشىنىڭ دىققىتىنى چېكىدىغان ئاممىۋى سورۇندىكى ئەيىبلەش ئىدى. مەن ھېچقاچان بۇنداق بىر ئەھۋالنى ئۇچۇرتۇپ باقمىغان ئىكەنمەن،'' دەپ يازىدۇ.
كانادا باش مىنىستىرى ستېۋېن خارپېرنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا مۇخبىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان مۇخبىر جون ئىبىتسون، خىتاي كانادا مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت يەنە بىر ماقالىسىدا ئىنتايىن ئۆتكۈر قىلىپ، ''كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى كۈرەش، خىتاي بىلەن قانداق بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى بىلىش بىلەن بىر ۋاقتتا، كانادانىڭ ئۆزىنى سېتىۋېتىدىغان پاھىشىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى'' دەپ يېزىش ئارقىلىق كانادا تەرەپنى خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى سەزگۈر ۋە نازۇك نۇقتىلارغا سەل قارىماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ.
يەنە، "يەر شارى پوچتىسى گېزىتى" دە يېقىندا ئېلان قىلىنغان "كانادا خىتاينىڭ دەرس بېرىشىگە مۇھتاج ئەمەس" ناملىق ماقالىدا، ئاپتور خىتاي مىنىستىرى ۋېن جياباۋنى ئاگاھلاندۇرۇپ، "سەن بىزنىڭ باش مىنىستىرىمىزنى ئاممىۋى سورۇنلاردا ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كانادادىكى 30 مىليون خەلقنى ئەيىبلەۋاتىسەن، چۈنكى بىزدە مىنىستىرنى خەلق سايلاپ چىقىدۇ. ستېۋېن خارپېر 30 مىليون كانادا خەلقىنىڭ ۋەكىلى،" دەپ يازىدۇ.
كانادادا چىقىدىغان "خەلقئارا پوچتا" گېزىتىدە ئۇزاق يوللارنى بېسىپ خىتاينى زىيارەت قىلغان بىر دۆلەت ئادىمىگە قىلىنغان بۇ خىل ئاممىۋى سورۇندىكى ئەيىبلەشنى،"قوپاللىق ۋە دىپلوماتىك بولمىغان مەنتىقىسىزلىق" دەپ تەنقىد قىلىدۇ.
كانادادا خىتايچە يېزىقتا چىقىدىغان "بۈيۈك جۇڭخۇئا" گېزىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئىچىدىكى سانلىرىدىمۇ كانادا باش مىنىستىرى ستېۋېن خارپېرنىڭ خىتاي زىيارىتىگە قارىتا ئوخشاشمىغان باھا، كۆز قاراش ۋە مۇلاھىزىلەر يەر ئالغان بولۇپ، بۇ ماقالىلەر ئىچىدە خىتاي ئاپتور شيائويۈ تەرىپىدىن يېزىلغان "كانادا كىشىلىك ھوقۇقنى يەمچۈك قىلىۋەتمەيدۇ" ناملىق ماقالە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ماقالىلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاپتور ماقالىسىدە "كانادا باش مىنىستىرى ستېۋېن خارپېر خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئۆزىنىڭ بىر دۆلەت ئەربابىلىق سالاھىيىتىنى ناھايىتى ياخشى نامايەن قىلدى. ئەمما، خىتاي باش مىنىستىرى خارپېرنىڭ سۆزلىرىدىن قۇسۇر چىقىرىشقا تىرىشتى. شۇنداقلا خىتاي -كانادا مۇناسىۋەتلىرى تارىخىغا داغ چۈشۈرۈپ قويدى بۇنى دۆلەت رەھبەرلىرىگە ھاس بولمىغان قوپاللىق ۋە مەنتىقىسىزلىق دېيىشكە بولىدۇ" دەپ يازىدۇ. ئاپتور يەنە ماقالىسىدا خارپېرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە تۇتقان ئۆزگەرمەس مەيدانىنى ماختايدۇ.
يېقىندا كانادادىكى "ئانجۇست" دەپ ئاتىلىدىغان بىر راي سىناش شىركىتىنىڭ كانادا خەلقى ئارىسىدا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كانادادىكى 63% خەلق كانادا كونسېرۋاتıپلار پارتىيىسىنىڭ خىتايغا تۇتقان كىشىلىك ھوقۇق مەيدانىنى ئالقىشلايدىكەن. ئەمما كانادادىكى ئىشسىزلىق ۋە ئىختىسادىي كرىزىس قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى كانادا سودا ساھەسىنىڭ شۇنداقلا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قۇلىقىغا خوش ياقمايۋاتقان ئامىللاردىن بولۇپ، ئۇلار خارپېر رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنى خىتايغا قاتتىق قول مۇئامىلە قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىكەن.
"بۈيۈك جۇڭخۇئا" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان "كانادا كىشىلىك ھوقۇقنى يەمچۈك قىلىۋەتمەيدۇ" ناملىق ماقالىدا،كانادانىڭ خىتاينى ھەر يىلى 50 مىليون دوللارلىق ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، بۇ مەبلەغنىڭ نۇقتىلىق ھالدا خىتايدىكى مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مۇھىت ئاسراش ۋە نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىغىنى تىلغا ئېلىپ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ جەھەتتىن كانادانىڭ خىتايغا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ كاناداغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، شۇ ۋەجىدىن كانادانىڭ،سودا ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى يەمچۈك قىلىۋەتمەيدىغانلىغىدەك بىر مەسىلىنى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرغا قويغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.