ئۇيغۇر ئىلىگە يەنە زور كۆلەمدە كۆچمەن يۆتكەش دولقۇنى قوزغىلىش ئالدىدا تۇرماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى يىقىندىلا ئۇيغۇر ئىلىگە 6 مىليون خىتاي كۆچمەننى يەرلىكلەشتۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغان ئىدى. خىتاي تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئەمدى، شەھەرلىشىش سۈرئىتى 1. 25% بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىلىدە 2030 - يىلىغا بارغاندا شەھەرلىشىش نىسپىتىنى 66% - 68% گە كۆتۈرۈپ، شەھەر نوپۇسىنى 20 مىليونغا يەتكۈزۈش پىلانىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2012-07-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2009-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻟﻪﻧﺠﯘﺩﯨﻜﻰ ﭘﻮﻳﯩﺰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﺪﺍ ﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.
2009-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻟﻪﻧﺠﯘﺩﯨﻜﻰ ﭘﻮﻳﯩﺰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﺪﺍ ﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.
AFP Photo


شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە خەلق تورىنىڭ خىتايچە قاناللىرىدا 27 - ئىيۇل كۈنى بۇ توغرىلىق ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر دىيارى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 30 - كۈنى «شىنجياڭنىڭ شەھەر سىستىمىسى پىلانى» نى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، پىلاندا يېزا نوپۇسىنىڭ شەھەرلىشىش قەدىمىنى 2015 - يىلىغا بارغاندا 48%كە، 2020 - يىلىغا بارغاندا 58%كە، 2030 - يىلىغا بارغاندا 66% - 68% كە قەدەر يەتكۈزۈپ، شەھەر نوپۇسىنى 20 مىليوندىن ئاشۇرىدىكەن. بۇ پىلان ئۇيغۇر دىيارىدا «ھالقىما تەرەققىيات» نى يولغا قويۇشنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، خىتاي مەركىزى كومىتېتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان ھامان ئىجرا قىلىنىدىكەن.

«شىنجياڭنىڭ شەھەر نوپۇسى 2030 - يىلى 20 مىليونغا يېتىدۇ» ناملىق بۇ خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل شەھەرلىشىش قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە كۆپ مىقداردىكى يېزا تۇپراقلىرىنى بىكارلايدىكەن. يەنى، يېڭىدىن شەھەر قۇرۇش ئۈچۈن كېرەك بولغان زېمىنلارنى ھازىرلايدىكەن. ھازىر مەۋجۇت بولغان سۇ مەنبەلىرىنى مۇھاپىزەت ئاستىغا ئالسا، نوپۇسى 500 مىڭدىن يۇقىرى بولغان ئوتتۇرا ۋە چوڭ شەھەرلەرنى كۆپەيتىپ قۇرۇپ، يېزا نوپۇسىنى زور دەرىجىدە كېمەيتكىلى بولىدىكەن.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلدىن سۇ مەسىلىسى ھەل بولماي كېلىۋاتقان قەشقەردە 2011 - يىلى توساتتىن مول يەر ئاستى سۇ مەنبەسىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىكى غەرەزنىڭ ۋە بۇ ئەلنى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىگە بۆلۈپ بېرىپ، ئاتالمىش ھالقىما تەرەققىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىكى مەقسەتنىڭ زور كۆلەمدە كۆچمەن يۆتكەپ، ئۆز ۋەتىنىدە ئۇيغۇرلارنى ئاز سانلىق ھالەتكە چۈشۈرۈپ، ئۈزۈل - كېسىل ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ يوقىتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئىلىدە شەھەر نوپۇسىنى 20 مىليونغا يەتكۈزۈش پىلانى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ پىلان يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارغا پايدا ئېلىپ كېلەمدۇ ياكى زىيانمۇ؟ بۇ زىياننىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش مۇمكىن؟ بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت