تۈركىيىدە خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلغان مەكتەپ ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋالماسلىق تەشەببۇس قىلىندى

تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان "ھۆرىيەت" گېزىتىنىڭ 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىكى سانىدا تۈركىيە ھۈنەرۋەن ۋە سەنئەتكارلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى بەندەۋى پالاندۆكەن ئەپەندىنىڭ ئاتا - ئانىلارنىڭ، ئوقۇش ماتېرىياللارنى سېتىۋالغاندا خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلغان ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى ئالماسلىققا چاقىرغان بىر باياناتىغا ئورۇن بېرىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.09.14
xitay-mali-almanglars-degen-chaqiriq-besilghan-gezit-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ "ﻫﯚﺭﯨﻴﻪﺕ" ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﻨﯩﯔ 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﻫﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻥ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭﻻﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻪﻧﺪﻩﯞﻯ ﭘﺎﻻﻧﺪﯙﻛﻪﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ، ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺗﻰ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﮔﯧﺰﯨﺖ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

خەۋەردە پالاندۆكەن ئەپەندى ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلارغا سۈپەتلىك ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ سۈنئىي رەخلىرىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماللىرىدىن يىراق تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
 
تۈركىيىدىكى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلىشىغا ئاز قالغان مەزگىلدە، پالاندۆكەن ئەپەندى تۈركىيىدە 15 مىليون ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپ فورمىسى ۋە ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىشىدا ئاتا ئانىلارغا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېگەن: "بالىلىرىمىزغا مەكتەپ فورمىسى ۋە ئوقۇش ماتېرىياللىرى ئالغاندا تۈركىيىدە ئىشلەپ چىقىرىلغان ماركىلاردىن سېتىۋېلىڭلار، سالامەتلىككە زىيان بولغان خىتاي ماللىرىدىن ساقلىنىڭلار."

ئۇ، مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا يەنە: "ئوقۇش ماتېرىياللىرى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھەر ئائىلە كۆپ پۇل چىقىم قىلىدۇ، ئەمما بالىلىرىمىزغا سۈپەتلىك ئوقۇش ماتېرىياللىرى سېتىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم. سۈنئىي ۋە بويالغان رەختلەردىن ئىشلەپ چىقىرىلغان خىتاي ماللىرىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك. ئەرزان دەپ سېتىۋالغان ماللارنىڭ سالامەتلىكىمىزگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۇنۇتمايلى. ئىمپورت قىلىنغان سۈپەتسىز خىتاي ماللىرىغا بەرگەن پۇلىمىزھا ئىچىمىز ئاغرىسۇن، ئەمما دۆلىتىمىزدە ئىشلەپ چىقىرىلغان ماللاردىن گۇمان قىلماڭلار، ھەتتا خىتايمۇ سۈپەتلىك دەپتەرلەرنى بىزدىن سېتىۋېلىۋاتىدۇ."
   
تۈركىيىدە خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلغان بۇيۇملار دېگەندە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا سۈپەتسىز ماللار كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيە سانائەت ۋە تىجارەت مىنىستىرى نىھات ئەرگۈن ئەپەندى تۈرك خەلقىنى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمايدىغان دۆلەتلەردە ئىشلەپ چىقىرىلغان ماللارنى ئىستىمال قىلماسلىققا چاقىرغان ئىدى.

بۇ چاقىرىقلارنىڭ تەسىرى قانچىلىك بولار؟ تۈرك خەلقى راستىنلا خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلغان ماللارنى سېتىۋالمامدۇ؟ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيىدە تىجارىي مەسلىھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئابدۇرېشىت ئەپەندىگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.