ۋاڭ ياڭ: 'جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىگە چوقۇم تۈزىتىش كىرگۈزۈشى كېرەك'

قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۈرۈمچى ۋەقەسى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئىشنى چەتئەللەردىكى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ دىنىي ياكى مىللىي مەسىلە ئەمەسلىكىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنى يېقىندىن كۆزەتكۈچىلەر، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ تامامەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىدىن كېلىپ چىققانلىقىدەك ئورتاق نۇقتىدا جەم بولماقتا ۋە ۋەقەنىڭ بۇنداق زورىيىپ نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە ۋاڭ لېچۇەن ۋە نۇربەكرىلەرنى جاۋابكار دەپ قارىماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.07.31
Urumqi-xitay-piqaq-esker-qatil-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 14 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ، ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺗﯩﻐﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭘﻮﺳﺘﺘﺎ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن، مەيلى چەتئەللەردىكى دېموكراتلار بولسۇن بىردەك ۋاڭ لېچۇەننىڭ بۇ قېتىم چوقۇم ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ئىدى.

گەرچە بېيجىڭ دائىرىلىرىدىن بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىر سادا كەلمەيۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تۈنۈگۈن ئۆزىنىڭ خۇ جىنتاۋغا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان، كومپارتىيە سىياسى بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى بولغان ۋاڭ ياڭنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا "ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىگە چوقۇم تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك، جۇڭگو دېگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. ئەگەر دەرھال تۈزىتىش كىرگۈزۈلمەيدىكەن، تېخىمۇ چوڭ ۋەقە چىقىدۇ" دەپ بايان بېرىشى، چەتئەل مۇخبىرلىرىغىمۇ بىر يېڭىلىق بولۇپ بىلىندى.

بىز ۋاڭ ياڭنىڭ بۇ سۆزىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدە تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.