خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا پۇل تارقاتتى

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى تۈركىيە بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىدا «شىنجاڭنى سۆيۈش ئوقۇش ياردەم پۇلى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

2011‏-يىلى 12‏-ئاينىڭ 8‏-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىمغا ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن 42 ئوقۇغۇچى قاتناشقان. مۇراسىمغا خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جاڭ چىڭياڭ قاتنىشىپ، «شىنجاڭنى سۆيۈش ئۇقۇش ياردەم مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارغا پۇل تارقاتقان. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن، تۇرغۇن يارى، ئېلى ئەكبەر ئەركىن، مەھبۇبە ئېزىز، مەۋلىدە، سۈبھى، ھەسەنجان، مىھراجىددىن قاتارلىق جەمئىي 42 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرى 1000 ئامېرىكا دوللىرى ياردەم پۇلى ئالغان.

istanbuldiki-oqughuchilar-mukapat2-385.jpg
«شىنجاڭنى سۆيۈش ئوقۇش ياردەم پۇلى» نى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلى بىلەن. 2011-يىلى 8-دېكابىر، ئىستانبۇل. (RFA/Arslan)

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جاڭ چىڭياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم نەخق مەيداندا ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىغا كېلىپ مېھمان بولۇپ كېتىشكە تەكلىپ قىلغان.

خىتاينىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسى يېقىندىن بۇيان تۈركىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە تارتىش، يېقىنلىشىش مەقسىتىدە ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كەلمەكتە. ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ يوليورۇقى ۋە قوللىشى بىلەن ئىستانبۇلدا سابىر بۇغدا باشچىلىقىدا ئۇيغۇر سودىگەرلەر جەمئىيىتى قۇرۇلغان ئىدى. خىتاي يەنە تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىر قىسىم ئۇيغۇر قازاقلارنى «ئاتالمىش مۇھاجىرلار ئۆمىكى» نام ئاستىدا گۇرۇپپا تەشكىللەپ ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلدۇرغاندىن سىرت خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنىمۇ ساياھەت قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ساياھەت تەسىراتلىرىنى سىنئالغۇغا ئالغاندىن كېيىن تۈركىيىگە ئەكېلىپ قويدى.

خىتاي ئەمدى تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا ھەر خىل نام ئاستىدا پۇل تارقاتماقتا.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا پۇل تارقىتىشتىكى مەقسىتى نېمە؟ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسىدىن ئوقۇش ياردەم پۇلى ئېلىپ ئوقۇشى توغرىمۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق. دوكتور ئەركىن ئەكرەم. خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا پۇل تارقىتىشتىكى ئاساسى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە تارتىش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارغا ئەگىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن خىتاي كونسۇلخانىسىدىن ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.