ئىختىساسلىقلارنى يىغىشمۇ، نوپۇس يۆتكەشمۇ؟

ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېڭى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن، رايوندا ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكنى شەكىللەندۈرۈش پىلانى بويىچە، يەنە بىر يېڭى چاقىرىق ئوتتۇرىغا قويغان. چاقىرىق، "ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلاردىن پايدىلىنىش ۋە ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش"تىن ئىبارەتتۇر.

0:00 / 0:00

ئەمما ئىختىساسلىقلار دېگەن بۇ سۆز ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يەنە پەرقلىق مەناغىمۇ ئىگە. بۇلتۇردىن بېرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كەڭ تارقالغان: "نۇر بەكرىگە خەت" ناملىق ساتىرىك شېئىردىن ئارىيەدۇر. شېئىردا شىكايەت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ نامرات دېھقانلىرىنى، دېھقانچىلىق ماھىرلىرى نامى ئاستىدا ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەپ كەلمەكتە. خىتاي دېھقانچىلىق ماھىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ئېقىپ كېلىشى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەردىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان. شۇڭا ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، جاڭ چۈنشيەننىڭ ئىختىساسلىقلارنى يىغىش دېگەن چاقىرىقىغا گۇمان ۋە ئەندىشە بىلەن قارىماقتا.

جاڭ چۈنشەن بۇ ھەقتىكى سۆزىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ چېگرا رايون ئىكەنلىكىنى، شارائىتىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى، تەرەققىياتتا ئارقىدا قالغانلىقىنى، شۇڭا بۇ يەردە ئىختىساسلىقلارنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى، ئىختىساسلىقلارنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، سېخىلىق بىلەن پۇل خەجلەش ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى قوللىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ سۆزلەردىن ئىختىساسلىقلارنىڭ يەنىلا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن دەۋەت قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. مانا بۇ ئەھۋال ھۈسەن ئەپەندىنىڭ يۇقىرىقى پەرەزلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.

جاڭ چۈنشەن نۇتقىدا ئىختىساسلىقلارنى قاچۇرۇپ قويماسلىق، ئىختىساسلىقلارنى ئولتۇراقلىشىپ قېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تەشەببۇستا، كۆچمەنلىككە دەۋەت قىلىش تەلەپپۇزى ئېنىق، ئۇرغۇلۇق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ ئىختىساسلىقلارنى يىغىش ھەققىدىكى چاقىرىقىنىڭ ھېچبىر يېرىدە ئىختىساس ئىگىلىرىنى يەرلىكتىن يېتىشتۈرۈش ۋە ياكى يەرلىك ئىختىساس ئىگىلىرىدىن پايدىلىنىش ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان.

ۋەتەندىن يېڭى چىققان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكى بىر مەسىلە، ئەمما مانا مۇشۇ ئاز ساندىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭمۇ قەدىرلەنمەيۋاتقانلىقى ۋە چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقى يەنە بىر مەسىلە؛ ئۇ بۇ ئەھۋالنى، ئۆزى بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ساۋاغداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى پاكىت كۆرسىتىپ چۈشەندۈرىدۇ.

ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كوچا چارلاش ئىشىغا ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە، جاڭ چۈنشەن ئۇيغۇر ئېلىغا خىتايدىن ئىختىساس ئىگىلىرىنى دەۋەت قىلماقتا. بۇ چاقىرىق ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى تەرىپىدىن نوپۇس يۆتكەش چاقىرىقى دەپ قارالماقتا. نوپۇس مەسىلىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ سەزگۈر مەسىلىلەردىن بىرىدۇر.

بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا يازغۇچى ئىزچىمەننىڭ "مۇستەقىللىقىمىزدا ئۈمىد بارمۇ ؟" ناملىق كىتابىدا رايوندىكى خىتاي نوپۇسى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك تەھدىت دەپ كۆرسىتىلگەن ۋە بۇ تەھدىتنى ئازايتىش ئۈچۈن، پاراكەندىچىلىك تېرىش شەكلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تەشەببۇس قىلغان. مەزكۇر كىتاب، 2003 ‏- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورلۇقنى تەشۋىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ قېتىم ئىختىساسلىقلارنى يىغىش چاقىرىقى ئەنە شۇنداق بىر سەزگۈر مەسىلىگە چېتىشلىق بولۇپ، بۇ چاقىرىقنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى ئېھتىمالدىن ئۇزاق كۆرۈلمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.