ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى خىتاينىڭ ئولىمپىكى ھەققىدە يەنە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى

ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق مەتبۇئات ۋاستىلىرىدىن Orlando Sentinel، Suntimes قاتارلىقلاردا خىتايغا قارىتا تەنقىدى ئوبزور ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى بۇ ھەقتە قىسقىچە خۇلاسە بايان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.03

 ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شىتاتىدا چىقىدىغان ئوOrlando Sentinel گېزىتى سېنتەبىرنىڭ بېشىدا مەخسۇس ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئولىمپىكتىن كېيىنكى خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسىلىسى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزدى. مەزكۈر مۇلاھىزە خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ كەينىگە چېكىنىش ئەمەس بەلكى تەرەققىياتقا قاراپ يول ئالىدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلىغان كىشىلەرگە ياخشى بىر جاۋاب ھازىرلىغان بولۇپ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پوزىتسىيىسى، خىتاينىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە ئىجابىي پىكىر بەرگۈچىلەرگە زەربە بەرگەن.

Orlando Sentinel نىڭ ئوبزورىدا خىتاي خەلقئارا ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولماسلىقتەك ئەھۋاللىرى ھەمدە ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىك سەۋەبلىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن مەسخىرە ۋە تەنقىد قىلىش شەكلىدە تەسۋىرلەنگەن. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ئەركىنلىكنى قوبۇل قىلالمىغان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەشۋىقات مىنىستىرلىقى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خىتاي پۇتبول كوماندىسى ھەققىدە سۆز قىلىشىنى چەكلىگەن.

مۇلاھىزىنىڭ ئاخىرىدا، ئولىمپىك مۇراسىمى جەريانىدا خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئازراق بولسىمۇ ئورۇن بەرگەنلىكى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە يېتىشى ئۈچۈن، خىتايغا يەنىلا ئىنتايىن ئۇزۇن بىر مۈددەت كېتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

چىكاگودا چىقىدىغان قۇياش ۋاقتى گېزىتىدىمۇ ئوخشاشلا خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئوبزور ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ستاتىستىكىلىق نۇقتى نەزەر بۇيىچە ئانالىز قىلىنغان بۇ ماقالىدە خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق ئولىمپىك مۇراسىمىدا ئەڭ كۆپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلىكى، ئەگەر بېيجىڭ مۇشۇنداق چوڭ شان - شەرەپلەر ئاستىدا، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى ياخشىلىيالىسا بۇ كىشىنى تېخىمۇ خوشال قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئوبزوردا يەنە، خىتاينىڭ 51 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، ئالتۇن مېدال بۇيىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئامېرىكىدىن 15 ئالتۇن مېدالنى ئارتۇق ئالغانلىقى قەيت قىلىنغان، ئەمما ئارقىدىنلا 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە بىر دۆلەتنىڭ 51 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشىنىڭ ئانچە ھەيران قالارلىق بىر ئىش ئەمەس ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇلغان.

Chicago Sun times گېزىتىنىڭ ئوبزورىدا، كىشى بېشى بۇيىچە ھېسابلانغان نەتىجىدىن قارىغاندا، پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 20 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان خىتاينىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىش نىسبىتى %17 كە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئوخشاش نىسبەت بۇيىچە دۇنيا نوپۇسىنىڭ 5.4 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان ئامېرىكىنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىش نىسبىتى %12  كە يەتكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، ئوبزوردا خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىدا قولغا كەلتۈرگەن ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېداللىرىنىڭ 100 گە يەتكەنلىكى، ئامېرىكا ئېرىشكەن بارلىق مېداللارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ بولسا 110 غا يېتىپ، ئومۇمىي نەتىجە ئامېرىكىغا تەۋە بولغانلىقى مۇلاھىزە قىلىنىش بىلەن بىرگە، سانلىق مەلۇماتلارنى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ھەر خىل مۇددىئالار ئۈچۈن ئىشقا سېلىشقا بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئوبزورنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشلەتكەن بارلىق ئېنېرگىيىسىنى ئىشقا سالغانغا ئوخشاش، مۇھىت بۇلغىنىشىنى ياخشىلاش ئۈچۈنمۇ ئوخشاش كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى جەريانىدىكى مەسىلىلىرىنى ناھايىتى ئاددى ئۇقۇملار بىلەن خۇلاسىلاپ بەرگەن، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىككى مەتبۇئاتى خىتاينىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن خىتاي تەنتەربىيە ماھىرلىرى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا دېيىلگەن. ئايال گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن بىر قانچە خىتاي گىمناستىكىچىلىرىنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ ئۆلچەملىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ياش چەكلىمىسدە كۆز بويامچىلىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارىلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.