لوس ئانجىلىس ۋاقىت گېزىتى: "خىتاي ئولىمپىك ھارپىسىدا ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتتى"

"لوس ئانجىلىس ۋاقىت گېزىتى" نىڭ 22 - ئىيۇلدىكى سانىدا، " خىتاي ئولىمپىك ھارپىسىدا ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتتى" ناملىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىكنى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن قوغداش ئۈچۈن ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان تەنتەربىيە زالىنىڭ بىقىنىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.07.22
Olympik-missile-gard-305 ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻜﻨﻰ ﺗﯧﺮﺭﻭﺭﻟﯘﻕ ﻫﯘﺟﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻚ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺯﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻣﺒﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﻬﻪﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo
 ئۇنىڭدىن باشقا، بېيجىڭغا كىرىپ چىقىدىغان ھەر بىر ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇپ، 110مىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرى ھەمدە بىر مىليوندەك پۇقراۋى قوغدىغۇچىلارنى ئىشقا سالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە " خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئولىمپىك تەييارلىقى تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قارىغاندا ئۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي قوشۇنلارنى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا بەكرەك ئوخشايتتى،" دەپ كۆرسىتىلگەن.

تەنقىدچىلەر:"  خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىككە كېلىدىغان خەتەرنى كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خەلق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان"

ماقالىدە يەنە، خىتاينىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىنىڭ تۈنۈگۈن  كۈنمىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن،  تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن ھەمدە بۇ يىل مايدا خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلىتىشتىن ئىبارەت بىر قاتار ۋەقەلەر ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.

ئاپتور ماقالىنىڭ بۇ قىسىمىدا، مارتتا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى پاش قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغانلىقى ۋە خىتاينىڭ خەلق گېزىتىدە:  " بېيجىڭ ئولىمپىكى ئىلگىرى ئولىمپىك تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان  دەرىجىدە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا دۇچ كەلمەكتە"  دەپ يېزىلغانلىقى نەقىل قىلىنغان.

"ۋەھالەنكى" دەپ يازىدۇ ئاپتور ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ: "خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ  تېررورلۇق تەھدىتى ھەققىدە ھېچقانداق تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىدى.  بۇ ئىشنىڭ شۇنچە مەخپىي تۇتۇلۇشى، بەزى تەنقىدچىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىككە كېلىدىغان خەتەرنى كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تىبەت بولۇپمۇ خىتاينىڭ غەربىدە ياشايدىغان تۈركىي مۇسۇلمان خەلق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن دېگەن گۇمانى قاراشلارنى  ئويغاتتى".

نىكولاس بېكۇلىن: " بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ئەڭ كونا ھىلىلىرىدىن  بىرى"

ماقالىدە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە توختالغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خوڭكوڭ بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى نىكولاس بېكۇلىن: " بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ئەڭ كونا ھىيلىلىرىدىن  بىرى.  ئۇلار دۈشمەننىڭ قانچىلىك يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىدەك تۇيغۇ پەيدا قىلىپ،  ئۆزى باستۇرماقچى بولغان كىشىلەرگە قارىتا  قوراللىق كۈچ ئىشلىتىشنى قانۇنلاشتۇرىدۇ"  دېگەن.

ئۇ يەنە، ھازىر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ  خىتايدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش قارشى پىكىردىكى كىشىلەر توپىنى ئولىمپىك بىخەتەرلىكى بىلەن بىۋاسىتە باغلاپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىگە بولغان ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

جاڭ جياۋدۇڭ: " خىتاي ھۆكۈمىتى بەك قورقۇپ كەتتى"

ماقالىدە يەنە، رادىئومىز ئاشكارىلىغان قەشقەردە بەش ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ۋە 5 ئۇيغۇرنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېتىپ تاشلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرى نەقىل قىلىنغان ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، شاڭخەيدىكى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تېررورلۇققا قارشى مۇتەخەسسىسى جاڭ جياۋدۇڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتايىن قورقۇپ كەتكەن بولغاچقا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى قاتمۇ ‏ -  قات كۈچەيتكەن  بولغاچقا، ھازىرچە بېيجىڭ شەھىرىدە  ئالدىنقى كۈنى كۇنمىڭ  ۋە بۇ يىل مايدا شاڭخەي شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەلىرىگە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ سادىر بولۇش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن.

جاڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ: "خىتاي ھۆكۈمىتى بەك قورقۇپ كەتتى" دېدى.

مەزكۇر ماقالە ئاپتورى باربارا دېمىك لوس ئانجىلىس ۋاقت گېزىتىنىڭ مۇخبىرى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.