مۇستافا ئايدىن: ئۇيغۇرلار ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەققىدە

تۈركىيە ئىقتىساد ۋە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە تاشقى سىياسەت ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى پروفېسسور دوكتور مۇستافا ئايدىننىڭ بەزى مۇھىم خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشى بايان قىلىنغان ماقالە تۈركىيە خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدە يەر ئالدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009-10-16
Share
SHANGXEY-6-305 ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ 6 ﮔﯘﺭﯗﻫﯩﻨﯩﯔ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ.
AFP Photo

ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئەنگلىيە لانكېستىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالغان پروفېسسور دوكتور مۇستافا ئايدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەققىدە يۈرگۈزگەن مۇلاھىزىسىدە مۇنداق دەيدۇ:

"ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن خىتايغا قارشى قارشىلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىپ كەلگەن. كېيىنكى يىللاردا بۇ خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ ئېشىپ باردى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭمۇ تەسىرى يوق ئەمەس. لېكىن ئەڭ مۇھىمى، 1990 - يىللارنىڭ بېشىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش تۈركىي خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىككە ئېرىشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى تېزلەتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى مۇستەقىل بولغان ئىدى. ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى بۇنىڭغا يېقىن كەلمىدى. ئۇلار خىتاينىڭ تەسىرى بىلەن ناھايىتى ئېھتىياتچان سىياسەت ئېلىپ باردى."

پروفېسسور دوكتور مۇستافا ئايدىن ئەپەندى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش مەقسىتى بىلەن قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دەيدۇ:

"كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نېمە ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى نۇرغۇن كىشىلەر يا ئەسلىيەلمەيدۇ ياكى بىلمەيدۇ. بۇ گۇرۇھ ئەسلىدە خىتاينىڭ ئۆز چېگرىلىرىنى قوغداش قايغۇسى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ تەھدىت دەپ ئوتتۇرىغا قويغانلىرى رادىكاللىق، ئىسلامچىلىق، ئايرىمىچىلىق ئىدى. ئۇلار مانا بۇ ئۈچ تەھدىتكە قارشى ھەمكارلىشىشىمىز لازىم دېگەن ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە رۇسىيە بۇ تەھدىتلەرگە قارشى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا رازى بولغاندىن كېيىن، خىتايمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن بۇ دۆلەتلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزدى."

"مەسىلەن، 1. خىتاينىڭ پۈتۈن قوشنىلىرى بىلەن چېگرا مەسىلسىى بار ئىدى، چېگرىلىرى ئېنىق ئەمەس ئىدى. رۇسىيە بىلەن خىتاي چېگرىسىنىڭ سىزىلىشىدا تالاش - تارتىش مەۋجۇت ئىدى. مانا مۇشۇ چېگرالارنىڭ ھەممىسىنىڭ سىزىلىشىغا خىتاي رازى بولدى ۋە بەزى ئۆتۈنۈشلەرنى قىلدى. نېمىشقا ئۇنداق قىلىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيىنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈن. 2. قازاقىستان، دۆلىتىدىكى رۇس نوپۇسىغا قارشى قازاقلارنىڭ نوپۇسىنى كۆپەيتىشنى ئويلىشىۋاتاتتى. قازاقلار يەنە نەدە ئەڭ جىق ئىدى؟ يەنە شۇ ئۇيغۇر رايونىدا. بۇنىڭ بىلەن ھەم قازاقىستان ئۇ يەردىكى قازاقلارغا پۇل بەردى، ھەم خىتاي ئۇلارنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆچمەنلىك ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇردى. بۇنىڭ بىلەن قازاقىستانغا نۇرغۇن قازاقلارنى يوللىدى. 3. بۇ دۆلەتلەرگە خىتاي ئىقتىسادى ۋە تىجارى جەھەتلەردە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. ئېنېرگىيە ساھەسىگە نۇرغۇن مەبلەغ سالدى. مانا بۇ ئارقىلىق خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا ناھايىتى چىڭ مۇناسىۋەتلەر تورىنى ھاسىل قىلدى. نۇرغۇن كىشىلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. ئىككىسىنى بىر ئورۇنغا قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ قىلچىلىكمۇ ئالاقىسى يوق."

پروفېسسور دوكتور مۇستافا ئايدىن خىتاينىڭ مانا مۇشۇنداق يوللار ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دەيدۇ:

"شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى ئۇيغۇر مەسىلىسى ئارقىلىق بىئارام قىلماسلىققا بەرگەن ۋەدىسى ۋە خىتاينىڭ ئۇلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغانلىق كېلىشىمى بىلەن قۇرۇلغان بىر تەشكىلات. بۇنى چۈشەنگەن ۋاقتىڭىزدا، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە نىسبەتەن قېرىنداش تۈركىي مىللەت دۆلەتلىرىنىڭ نېمىشقا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكىنى ئاسانلا چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئۇلار ۋەقەگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. ھېچنېمە دېمىدى. پەقەت بولمىغاندا 'شۇ بولمىغان بولسا ياخشى بولاتتى' دېيىش بىلەنلا بولدى قىلدى. رۇسىيىمۇ 'بۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى' دېيىش بىلەنلا بولدى قىلدى."

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بۇنداق قاتتىق قول سىياسەت ئېلىپ بېرىشى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقىدىن دەپ كۆرسەتكەن پروفېسسور دوكتور مۇستافا ئايدىن ماقالىنىڭ ئاخىرىدا سۆزىنى مۇنداق ئاياقلاشتۇرىدۇ:

"خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بۇنداق قاتتىق تۇرۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ئۇيغۇر رايونىدا مول مىقداردا نېفىت ۋە تەبىئىي گازدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان كان بايلىقلىرىنىڭ بولۇشىدۇر. ئۇران، ئالتۇن ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىممەتلىك بايلىقلار خىتاينىڭ زورىيىشى ۋە ھازىرقى تەرەققىياتىنى داۋام قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى خىتاينىڭ جىددىي ھالدا ئېنىرگېيىگە ئېھتىياجى بار. شۇڭا مانا مۇشۇنداق بىر ئېنېرگىيە ئامبىرى بولغان ئۇيغۇر رايونىنى قولدىن چىقىرىپ قويۇشنى خىتاي ھەرگىز خالىمايدۇ. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشى دېگەنلىك، خىتاي بۇلاردىن قۇرۇق قالدى، دېگەنلىك بولىدۇ. مانا مۇشۇنىڭدەك سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر توسالغۇ بولماقتا."

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت