د ئۇ ق خىتاينىڭ ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ ئاختۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى

خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ناھىيە، چەت يېزا، قىشلاقلىرىغىچە ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي بۇيۇملارنى يىغىش دولقۇنى قوزغىماقتا. پوسكام ناھىيىسى سەيلى يېزىسىدىكى ساقچىلار دىنىي قائىدىلەر بويىچە كىيىنگەن 317 نەپەر ئايالنى كىيىم ۋە باش ياغلىقلىرىنى ئېلىۋېتىشكە مەجبۇرلىغان.

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئېغىر دىنىي كەمسىتىش دەپ ئەيىبلىمەكتە.

پوسكام ناھىيە يېزىلىق ھۆكۈمىتى ناھىيىگە قاراشلىق سەيلى يېزىسى ۋە ئۆستەڭ بويى مەھەللىلىرىدە "دىنغا قارىتىلغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش" دېگەن نامدا مەخسۇس ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ قانۇنسىز دىنىي بۇيۇملارنى يىغىش، دىنىي يوسۇندا كىيىنگەن، ساقال - بۇرۇت قويغانلارنى ئالدى بىلەن تەربىيىلەش، تەربىيىگە كۆنمىگەنلەرگە ئىقتىسادىي جەرىمانە قويۇش چارىسى ئېلىپ بارماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پوسكام ناھىيىسىدە يولغا قويۇلغان مەزكۈر ھەرىكەتنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇ پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

Xitay-Uyghur-ayallarni-dinniy-xurapiliqqa-qarshi-turush-wedisini-almaqta-305
ﻛﯘﭼﺎ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻛﯘﭼﺎ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ ﻳﺎﻗﺎ ﻳﯧﺰﯨﺴﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﯞﻩﺩﯨﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻣﻤﺎ ﯞﻩ ﻳﯧﺰﺍ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. (www.xjkcdj.gov.cn ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.)

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى، پوسكام ناھىيىسىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان دىنىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تەشۋىقات ماتېرىيالىنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتتا مۇنداق دېيىلگەن: "دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىگە ياخشى تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، بۇ پۈتۈن يېزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن خەتەرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا ئوقۇغۇچىلار دىندىن يىراق تۇرۇشى كېرەك."

باياناتچى دىلشات رېشىت تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، سەيلى يېزىسىدا ساقچى تارماقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە "دىنغا قارىتىلغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش" گۇرۇپپىسىدىن 14ى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن يېزا تەۋەسى بويىچە 57 مەيدان تەشۋىقات تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلغان ۋە ھازىرغا قەدەر 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تەربىيىلەنگەن. بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان تەربىيە قېتىم سانى 2000 قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن.

يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چىقىرىلغان تەشۋىقات ماتېرىيالىدا يەنە بىر ۋەقە مىسال ئارقىلىق تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، مىسالدا مۇنداق دېيىلگەن: "سەيلى يېزىسىدىكى دېھقان توختى يۈسۈپنىڭ قىزى دىنىي تۈسى قويۇق كىيىملەرنى كىيىپ، يېزا تەۋەسىدە يامان تەسىر قوزغىدى ھەمدە تەربىيىنى قوبۇل قىلمىدى. توختى يۈسۈپنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە قانۇنسىز دىنىي بۇيۇمدىن 4 ى، كۆچۈرۈلگەن قانۇنسىز دىنىي ماتېرىيالدىن 3 ى بايقالدى."

باياناتچى دىلشات رېشىت قولغا چۈشۈرگەن، سەيلى يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەربىيە نەتىجىسى خۇلاسىىلانغان بىر ھۆججەتلىك ماتېرىيالدا، يېزا ئاھالىسىدىن 3470 نەپىرىنىڭ "سەيلى يېزىسى جەمئىيەت بىخەتەرلىك تۈزۈمى ۋە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش توختامنامىسى" گە قول قويغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنىڭدەك يەنە يۈز تۇرانە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تەربىيىلەش قېتىم سانىنىڭ، 8900 ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، بۇنىڭ ئىجابىي نەتىجىسى 90% ىن يۇقىرى ئىكەنلىكى، 317 نەپەر ئايالنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن باش ياغلىقىنى ئېلىپ تاشلىغانلىقى، ئومۇمەن يېزا مىقياسىدا دىنىي ئېتىقادنىڭ سۇسلاشقانلىقى تەكىتلەنگەن.

سەيلى يېزىسىدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بىز يېزىلىق ھۆكۈمەتكە تېلېفۇن ئۇردۇق. ۋاقىت پەرقى سەۋەبىدىن يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدا تېلېفونىمىزغا جاۋاب بېرىدىغان كىشى چىقمىدى. سەيلى يېزىسى ساقچىخانىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ساقچى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

پوسكام تەۋەسىدىكى بىر دېھقان بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتتىن، ھەقىقەتەن ئۆيمۇ ‏- ئۆي كىرىپ ئاختۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ئىسپاتلاندى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.