چاقىرىقتا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ پۇقرالارنىڭ يەر-جايلىرىنى مەجبۇرىي تارتىۋېلىشتەك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئېغىر قارشىلىق ھادىسىلىرىنىڭ كېلىپ چىققانلىقى، بۇ ئاچچىق ساۋاقنى ئەستە تۇتۇش كېرەكلىكى، پۇقرالارنى قارشىلىققا مەجبۇرلايدىغان زورلۇقلاردىن قول ئۈزۈشى زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن.
ب ب س قانىلىنىڭ 9-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ چاقىرىقنى 9-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ تور بېتىدە چاقىرىق ئېلان قىلىنغان ۋاقىتنى 5-ئاينىڭ 6-كۈنىگە توغرىلاپ قويغان. بۇ يىل 5-ئايدا مەملىكەتلىك تۇپراق-ئېنىرگىيە مىنىستىرلىقى ئوخشاش مەزمۇندا چاقىرىق ئېلان قىلغان ئىدى. ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ چاقىرىقىدا يەرلىك سوت ئورگانلىرىنىڭ ھەممە ئىشنى قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىشىنى، ئەگەر يەنە پۇقرالارنىڭ يەر-مۈلۈكلىرىنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىش ھادىسىلىرى سادىر بولسا، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئىلگىرى مۇشۇ سەۋەبلىك تەسىرى ئىنتايىن يامان بولغان زور توقۇنۇش ھادىسىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىپ، خەلق ئىچىدە ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چاقىرىقلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە قىلچىمۇ رولى بولمايدىغانلىقى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىگە ھالقىما تەرەققىيات نىقابى ئاستىدا بۇلاڭ-تالاڭ ئۈچۈن بۆلۈپ بېرىلگەنلىكى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ بۇزۇلۇشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ قەشقەردە ئۇيغۇرلارنى ئاز سانلىق بىر ھالەتكە چۈشۈرۈپ، قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىدىن مەھرۇم قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى خەلقنىڭ چۈشىنىپ يېتىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، 30-31-ئىيۇل قەشقەر ۋەقەلىرىنىڭ پارتلىشىغا دەل قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنىڭمۇ بىر سەۋەب بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشتىن ئىبارەت بۇ شۇم نىيىتىدىن ۋاز كەچمىسە، قارشىلىقلارنىڭمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتاقتا يۇقىرى دەرىجىلىك قانۇن ئورگىنى بولغان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ چاقىرىقلىرى، گېرمانىيە فېدەرال جۇمھۇرىيىتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ماركۇس لۆنىڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئەيىبلىگەن بىر چاغدا ئېلان قىلىندى. گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 9-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە كۆرە، خىتاي مەركىزى كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جيارۈي يېتەكچىلىكىدىكى بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر ھازىر بېرلىندا زىيارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېستېر ۋېللې ئەپەندى بىلەن كۆرۈشەتتى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ماركۇس ئەپەندى تۈنۈگۈن خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاينى ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى كىشىلەرگە بولغان باستۇرۇشنى توختىتىشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتاي زىيالىيسى ئەي ۋېيۋېينىڭ ئەركىنلىكىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.