تارىخچىلار بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قانداق قۇرۇلۇپ، قانداق يىقىلغانلىقى ھەققىدە داۋاملىق ئىزدەنمەكتە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى بۇ ھەقتە ئىنگىلىز، خىتاي ۋە رۇس تىللىرىدا كىتاب ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.
1944 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى غۇلجىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىقىلىشى ھەققىدە دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئۇزۇن بىر پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ تەيۋەن گۇئولى مەركىزى ئۈنىۋېرسىتېتى تارىخ تەتقىقات مەركىزىنىڭ `ئىككى قىرغاقنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەتقىقاتلىرى` ناملىق ژورنىلىنىڭ 6 - سانىدا ئېلان قىلىنغان `خىتاي - رۇس مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى` ماۋزۇلۇق مەزكۇر ماقالىسىدا 1944 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى غۇلجىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتىنىڭ قانداق قۇرۇلۇپ قانداق يىقىلغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
ماقالا 110 بەتلىك بولۇپ، ئىنگىلىزچە، خىتايچە ۋە رۇسچە مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ يېزىلغان. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ماقالىنى ئوقۇغان كىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا ئىگە بولالايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ، 3 - جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشى ئۈچۈن بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتتىن ئاچچىق ساۋات ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
بىز بۇ ماقالە ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ماقالىنىڭ ئاپتورى تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۈنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.