گېرمانىيىدە خىتاي ساختا پۇل سودىگەرلىرى سوتقا تارتىلدى
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2011.11.28
2011.11.28
گېرمانىيە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ پۇللىرىدىن بىر ياۋرو ۋە ئىككى ياۋرولۇق تەڭگە پۇللارنىڭ ساختىسىنى خىتايدا ياساپ، گېرمانىيىگە ئوغرىلىقچە ئېلىپ كىرگەن تۆت نەپەر خىتاي سودىگەرلىرى ئىلگىرى - كېيىن 232 قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان بولۇپ، جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ يېشى 29 - 46 ياشلار ئارىسىدا ئىكەن. بۇ ساختا پۇل يۆتكەش ئىشلىرىغا ھەمكارلاشقان خانزا (ھانسا) ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئۈچ نەپەر خادىمىمۇ بۇ دىلوغا چېتىلىپ سوتقا تارتىلدى.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ بۇ توغرىسىدا 28 - نويابىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ساختا پۇل سودىگەرلىرى ياسىغان تەڭگە پۇللار ئەسلىدە ياۋرو بېسىش زاۋۇتلىرى تەرىپىدىن ياۋرۇپا ئەللىرىدە ئىشلەنگەن، ئەمما سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ ئەتكەس قىلىنغان پۇللار بولۇپ، خىتاي سودىگەرلىرى بۇ پۇللارنى دۆلەتمۇ - دۆلەت قاتراپ يۈرۈپ توپلاپ، خىتايغا ئاپىرىپ قايتىدىن قوراشتۇرۇپ ياساپ، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوغرىلىقچە ئېلىپ كىرگەن ھەمدە قەغەز پۇللارغا ئايلاندۇرماقچى بولغان. فرانكفۇرت تەپتىش مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پۇل ھايانكەشلىرىنىڭ بىر ئۇچى خىتايغا باغلانغان. ئۇلار خانزا شېركىتى خىزمەتچىلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئايرودرومدا ئالاھىدە ئىشىكلەر ئارقىلىق ساختا تەڭگە پۇللارنى ئوڭۇشلۇق ھالدا گېرمانىيىگە يۆتكەپ كىرگەن. بۇ يىلنىڭ بېشىدا بىر نەپەر ئايروپىلان خىزمەتچىسىنىڭ سومكىسى ئاختۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن 9 مىڭ ياۋرو تەڭگە پۇل تېپىلغاندىن كېيىن، بۇ ساختا پۇل دىلوسى پاش بولۇشقا باشلىغان.
تەپتىش مەھكىمىسى سالاھىيىتى تېخى ئاشكارىلانمىغان ئۈچ نەپەر خانزا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى خادىملىرى بىلەن تۆت نەپەر خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ پۇل ئەتكەسچىلىكى گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بېكىتكەن. ئايروپىلان خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ساختا پۇللىرىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمەيلا ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقىپ، گېرمانىيىگە يۆتكىشىگە شېرىك بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خانزا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى سۆزچىسى گېرمانىيىدە غۇلغۇلا پەيدا قىلغان بۇ مەسىلە توغرىسىدا مەتبۇئاتقا بايانات بېرىپ «گېرمانىيە ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈۋاتقىنى خانزا ئاۋىئاتسىيە شېركىتى ئەمەس، بەلكى ئۈچ نەپەر خىزمەتچى خادىمدىنلا ئىبارەت» دەپ كۆرسەتكەن. گېرمانىيىدىكى ھەرقانداق ساختا تاۋار، ئەتكەسچىلىك، كۆچۈرمىچىلىك ھادىسىلىرىنىڭ خىتايلارغا ئالاقىلىق بولۇپ چىقىشى تۈپەيلى گېرمانىيە پۇقرالىرىنىڭ خىتايلارغا بولغان كۆز قارىشىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئۇيغۇر زىيالىيسى راھىلە خانىم بۇ ھەقتىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، 2007 - يىلىدىن 2010 - يىلىغىچە خىتايدىن گېرمانىيىگە يۆتكەپ كېلىنگەن ساختا تەڭگە پۇلنىڭ 29 توننا ئەتراپىدا بولۇپ، 6 مىليون ياۋرۇ قىممىتىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. بىراق، گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە ئومۇمى پۇل سوممىسىنىڭ 500 مىڭ ياۋرو ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ساختا پۇل دىلوسى پاش بولغاندىن كېيىن، ياۋرۇپا بىرلىكى بانكىسى پۈتۈن ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرگە دەرھال جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، ساختا تەڭگە پۇللاردىن پەخەس بولۇشنى ئۇقتۇرغان. ياۋرۇپا بىرلىكى بانكىسىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، گېرمانىيىنىڭ 2010 - يىلى پاش قىلغان ساختا پۇل دىلوسى ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا 14% ئاشقان.