كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ۋەقە 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىكنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلاشقانلىقىنى، دائىرىلەر جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، ۋەزىيەتنى يۇمشاتمىسا، كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
شېنجېن شەھىرىنىڭ فۇتيەن رايونى باگۇالىڭ رەستىسىدىكى ئۇيغۇر رېستۇرانى -- "شىنجاڭ يىپەك يولى كاۋاپخانىسى"دا 7 - يانۋار كۈنى يۈز بەرگەن 25 ياشلاردىكى تۇرسۇن ئىسىملىك رېستۇران خىزمەتچىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى، شىنجېندا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مىللىي مۇناسىۋەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى.
خوڭكوڭدىكى "جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى"نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ ۋەقە شىنجېندىكى ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى، مەزكۇر ۋەقەنىڭ مىللىي مۇناسىۋەتكە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم بولمىسىمۇ، لېكىن دائىرىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تاسادىپى ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى، شۇ قاتاردا شېنجىندىكى ئۇيغۇرلار سودا قىلىدىغان جايلارغا كۆزىتىش ئاپاراتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە، ۋەقە يۈز بەرگەن "شىنجاڭ يىپەك يولى كاۋاپخانىسى"نىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەرنىڭ كېسىپ تاشلىنىپ، رېستۇران ئەتراپىغا كۆزىتىش ئاپاراتى ئورنىتىلغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ رېستۇران ئەتراپىدا كۆزىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
يەرلىك دائىرىلەر بولسا ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، دىلونىڭ تەكشۈرۈلۈش ئەھۋالى، قاتىللارنىڭ مۇددىئاسى، مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتىنىڭ ئەھۋالى ۋە دەپنە ئىشلىرىغا دائىر تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاشنى ئۈزلۈكسىز رەت قىلىپ كەلمەكتە.
بۇ ھەقتىكى يەنە بەزى خەۋەرلەردە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر -خىتاي مۇناسىۋىتى پەۋقۇلئاددە نازۇك ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقاندا يۈز بەرگەن "يىپەك يولى كاۋاپخانىسى"دىكى بۇ ۋەقەگە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى، قاتىللارنىڭ ۋەقە پەيدا قىلىشتىكى مۇددىئاسىغا دائىر مىللىي مۇناسىۋەتكە تاقىشىدىغان نازۇك مەسىلىلەرنى ئاشكارا تىلغا ئالماي، ۋەقەنى "ئەرزىمەس ئىشلار" سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئادەتتىكى جىنايەت، دەپ تونۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بىز ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى باگۇالىڭ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ۋەقەنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن ساقچىخانىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇ، "بۇ ئىش مۇنداق، بىز ئەمدىلا ئىشقا چۈشتۇق، بۇ ئىشلار ماڭا تازا ئايدىڭ ئەمەس. بۇ ئىشلارنى مەن تازا بىلىپ كەتمەيمەن. چۈشىنىۋاتامسىز؟ چۈنكى مەن ئەمدىلا ئىشقا چۈشتۈم، سىز سورىغان بۇ سوئاللارغا مەن جاۋاب بېرەلمەيمەن. مەن يەنە بىر قېتىم ئېيتاي، سىز سورىغان بۇ سوئاللارغا مەن جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز" دەپ كۆرسەتتى.
لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا، رېستۇراندىكى جىدەلگە ئۇيغۇر كۈتكۈچىلەر بىلەن خىتاي خېرىدارلار ئارىسىدىكى "ئەرزىمەس ئىشلار" ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقى ۋە ھاقارەتلەنگەنلىكى سەۋەب بولغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ۋەزىيەتنىڭ بۇ ئەھۋالغا كېلىشىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك تەشۋىقات خىتايلاردا شوۋېنىزىمنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
"خەلق گېزىتى" بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە جىدەلگە "ئەرزىمەس ئىشلار"نىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بولسا رېستۇرانغا ئوزۇقلانغىنى كىرگەن خىتايلارنىڭ چاقماق سورىغانلىقىنى، چاقماق ھەققىدىكى تالاش-تارتىشنىڭ جىدەلگە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ شىنجېندىكى بىر ماددى ئەشيالار شىركىتىدە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن "جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى" بۇ 7 كىشىنىڭ شىنجېندىكى بىخەتەرلىك مۇلازىمەت شىركىتى "خۇڭيۇڭتەي مال-مۈلك باشقۇرۇش شىركىتى"دە ئىشلەيدىغان ئامانلىقنى قوغدىغۇچى خادىملار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بولسا، خىتاينىڭ شىنجېندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نازارەتنى كۈچەيتكەنلىكىنى تەنقىدلەپ، "بۇ ۋەزىيەتنى ئوڭشاشنىڭ چارىسى ئەمەس" دەپ كۆرسەتتى.
"جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدە يەنە، ""يىپەك يولى كاۋاپخانىسى"دىكى بۇ ۋەقە 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىپ 6 ئاي ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر - خىتاي ئارىسىدىكى مىللىي مۇناسىۋەت يەنىلا ناھايىتى جىددىي ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر،" دەپ كۆرسەتتى.
ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ھازىر شىنجېندا خىزمەت قىلىدىغان خىتايلاردىن بولغان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خانىم، ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ 5":-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئىككى مىللەت ھېسسىياتىغا بەرگەن زەربىسى ھەقىقەتەن ناھايىتى چوڭقۇر. ھېچقاچان بۇنچىلىك ئېغىر بولۇپ باقمىغان. راست گەپنى قىلسام، بىز بىر شەخسى سۈپىتىمىز بىلەن ئىچىمىز ئېچىشىدۇ. ھازىرقى مۇناسىۋەتنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈزۈلۈشى ناھايىتى تەس. لېكىن بۇ دېگەنلىك ئەمدى مەڭگۈ تۈزەلمەيدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. بىراق بۇ ۋەقەنىڭ زىيىنى ناھايىتى ئېغىر بولدى. زىياننى تولدۇرۇش ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. مەلۇم بەدەللەرنى ئۆتەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ بىر دەمدە تۈزۈۋالغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. شۇڭا ھەر ئىككى مىللەت ئۆزىنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن تىگىشلىك ئىشلارنى قىلىشى لازىم. ئىككى تەرەپ زىياننى ئەڭ ئازايتىشى، زىياننىڭ تېخىمۇ چوڭىيىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك."
"شىنجاڭ يىپەك يولى كاۋاپخانىسى" ئۆتكەن يىلى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىشتىن بۇرۇن باگۇالىڭ ئەتراپىدىكى داڭدار رېستۇرانلارنىڭ بىرى ئىدى. رېستۇران خوجايىنى "جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى" گە بەرگەن مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى مەلۇماتىدا، "مەن بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دېسەم بولمايدۇ. لېكىن بۇ مەن ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر زەربە بولدى. ساقچىلارنىڭ سوئال - سورىقى ئاخىرىلاشسا، بىز شىنجاڭغا قايتىمىز" دېگەن.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ۋەقەدىن كېيىن شىنجېندىكى ئۇيغۇرلار رېستۇران خوجايىنى ۋە رېستۇران خىزمەتچىلىرىنى يوقلاپ، ئۇلارغا يار-يۆلەك بولىدىغانلىقىنى، مۇسىبەتكە ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ج خ نازارىتىنىڭ شىنجېندىكى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك 9 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، رېستۇران خوجايىنىنىڭ نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
شىنجېندىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يۇقىرىقى خىتاي خانىم، بۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلۈك ۋەقەلەرنىڭ ئومۇمى مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىكىنى، تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ، "مېنىڭ شەخسى نۇقتىنەزىرىمدىن ئالغاندا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىلا ياخشىلىغان ئوبدان، دەپ قارايمەن. بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرمەسلىكىنى، ئۆز - ئارا قارشىلىشىشنىڭ بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆز - ئارا قارشىلىشىش ھەر ئىككىلا تەرەپكە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. بۇ ھېچكىمگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. مەن كۆپچىلىكنىڭ تىنچلىقتا بىرگە ياشىشىنى ئارزۇ قىلىمەن ... ھەر قانداق ئىش بولسا دىئالوگ بىلەن ھەل قىلىنسا، ئۆلۈم - يىتىم بولمىسا، دەپ ئويلايمەن" دەيدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.