خىتاينىڭ سىرلانكىدا پورت ياساۋاتقانلىقى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

خىتاي بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن، پاكىستاندىن ئەرەب دېڭىزىغا كىرىدىغان گۇۋادار پورتىنى ياساشقا باشلىغان ئىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن بېنگالدا چىتاگون پورتىنى ياساشقا باشلىدى. كېيىن، ھىندى ئوكياننى نازارەت قىلىش ئۈچۈن بېرمىدا ۋە كامبودژادا ھەربىي كۆزىتىش بازىلىرىنى قۇردى، ئەمدى ھازىر سىرلانكىدا خامبانتو پورتىنى ياساۋاتىدۇ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ھازىر ھىندىستاننىڭلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيانىڭ دېققىتىنى قوزغىماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-02-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻠﯩﻖ ﺭﺍﻛﯧﺘﺎ ﺳﯩﻨﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻠﯩﻖ ﺭﺍﻛﯧﺘﺎ ﺳﯩﻨﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

خەلقئارا ئۇچۇر مەتبۇئاتى (UPI) نىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ رىياد شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىرىنىڭ يېقىندا چەتئەللەردە ھەربىي بازا قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقى ۋە ھازىر خىتاينىڭ سىرلانكىدا پورت ياساۋاتقانلىقى دۇنيانىڭ دېققىتىنى قوزغىماقتا.

خىتاي ھازىر سىرىلانكىدا ياساۋاتقان خامبانتو پورتى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە ھىندى ئوكيان رايونىغا كېڭىيىدىغان ھەربىي ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن، پاكىستاندىن ئەرەب دېڭىزىغا كىرىدىغان گۇۋادار پورتىنى ياساشقا باشلىغان ئىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن بېنگالدا چىتاگون پورتىنى ياساشقا باشلىدى. كېيىن، خىتاي بۇ پورتلارنى پارس قولتۇقىدىن ئەكىلىدىغان خام نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا لېنىيىسىنى مۇھاپىزەت قىلىش، ھەتتا نېفيت ئايرىش سانائىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن قوللانماقچى بولغانلىقى دۇنياغا ئاشكارا بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاي تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ھىندى ئوكياننى نازارەت قىلىش ئۈچۈن بېرمىدا ۋە كامبودژادا ھەربىي كۆزىتىش بازىلىرىنى قۇردى.

خىتاي ھازىر سىرىلانكىنىڭ جەنۇبىدا، چوڭقۇر دېڭىزغا كىرىدىغان جايدىكى خامبانتو ئارىلىغا بىرمىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، ئادەتتە يەرلىك خەلق بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن قوللىنىدىغان بۇ كېچىك ئارالدا بىر چوڭ پورت ياساۋاتىدۇ. سىرلانكا دائىرىلىرى يېقىندا، بۇ پورتنىڭ ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ياسىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قۇرۇلۇش خىتاينىڭ سىرلانكىدا تۇرۇشلىق ئەلچىخانىسىنىڭ ياردىمىگە ئەڭ كۆپ ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ يىل 10‏ - ئايدىن بۇرۇن تامامەن پۈتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھازىر خىتاي سىرىلانكىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ چوڭ قۇرۇلۇش، ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە ھىندى ئوكيان رايونىغا كېڭىيىدىغان ھەربىي ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

'ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھازىر ھەربىي كۈچىنى ھىندىستاننىڭ تارىخىي مەدەنىيەت چەمبىرىكىنى بۇزۇشقا قارىتىۋاتىدۇ'

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، كېيىن يەنە داۋاملىق دۆلەت مەسلىھەتچىسى بولۇپ كېلىۋاتقان كانۋال سىبال خىتاينىڭ ھازىر سىرىلانكىدا پورت ياساۋاتقانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھىندى ئوكيان رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتىنى، خىتاي ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ھىندىستاننىڭ بۇ رايوندىكى تارىخىي مەدەنىيەت چەمبىرىكىنى بۇزۇشقا قارىتىۋاتقانلىقى، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھىندىستان ھازىر بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي جەھەتتە تەييارلىقلارنى ئاشۇرماقتا.

خىتاي ھازىر سىرىلانكىدا پورت ياساۋاتقانلىقىنى، خالىسانە ياردەم، ھەربىي مۇددىئاسىز نورمال سودا پائالىيىتى، دەپ جاكارلىماقتا

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ تۈنۈگۈن بايان قىلىشىچە، خىتاي باياناتچىسى ما جاۋشۈ، خىتاينىڭ سىرىلانكىدىكى خامبانتو ئارىلىدا پورت ياساۋاتقانلىقى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، 'سىرىلانكىدىكى خامبانتو پورتى پۈتۈنلەي جۇڭگو مەبلەغ چىقىرىپ ياساۋاتقان پورت بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگونىڭ بۇ رايونغا قاراتقان ھېچقانداق ھەربىي مۇددىئاسى يوق، بۇ پەقەت خالىسانە ياردەم، بۇ بىر نورمال سودا پائالىيىتى' دەپ جاكارلىدى.

خىتاي ھازىر ھىندى ئوكيان رايونىدا ھىندى مەدەنىيىتى چەمبىرىكىنىڭ ئورگىنى ئېگىلىشى مۇمكىن ئەمەس

سېنگاپورنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شى زەيۋېننىڭ قارىشىچە، ھىندى ئوكياندىكى سىرىلانكا، بېنگال، نىپال قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە باشقىلار، ھەتتا تىبەتمۇ، تارىختىكى ھىندى مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىلىرىدىن ھېچبىر ئاجرالماي كېلىۋاتقان ھۈجەيرىلەر، كوممۇنىست خىتاينىڭ ھازىر بۇ رايوندا ھىندى مەدەنىيىتى چەمبىرىكىنىڭ ئورنىنى ئېگىلىشى مۇمكىن ئەمەس.

ھىندىستان ھازىر خىتاينىڭ ھىندى ئوكيان ۋە ئەرەپ دېڭىزىغا كىرىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەربىي تىرىشچانلىقىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ )ھىندىستان بۇنى ھىنىدستاننى مۇھاسىرىگە ئالىدىغان 'مارجان زەنجىر' دەپ ئاتاۋاتىدۇ(، ئەمما ھىندىستان ھازىر چاندۇرماي تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرىدىغان چارىسىنى ۋە تەييارلىقىنى ناھايىتى پۇختا قىلىۋاتىدۇ.'

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت