كۆزەتكۈچىلەر: خىتاينىڭ سىياسىتى ساقچىلىرىغا پارىخورلۇق پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەكتە

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى تۈنۈگۈن يىغىن چاقىرىپ جامائەت خەۋپسىزلىك سىستېمىسىدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

0:00 / 0:00

13-مارت ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى يىغىنى ئېچىلغان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ تۈرلۈك مەسىلىلەرگە قارىتا قەتئىي يۈز خاتىرە قىلمايدۇ، چىرىكلەشكەن ئۇنسۇرلارنى قەتئىي بوش قويۇۋەتمەيدۇ، ئامما تېزدىن ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئىشلارنى تېزدىن ھەل قىلىپ ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ» دېگەنلەر تەكىتلەنگەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇلتۇر بىر يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك سىستېمىسىدا قانۇن، نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان 94 كىشىگە جازا كۆرۈلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن بەشى، بۆلۈم باشلىقى دەرىجىسىدىكىلەردىن 30 ئى بار ئىكەن. شۇنداقلا يەنە، ساقچىلارغا قارىتىلغان 5 تۈرلۈك چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغان 6 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ 4 كىشىنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىندى دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك سىستېمىسىدىكى بۇ يىغىندا يەنە، خىتاينىڭ ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ ستاتىستىكا نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاممىنىڭ ناھىيە، شەھەرلەردىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى ۋە ساقچىخانىلاردىن رازى بولۇش دەرىجىسى 81.9% كە، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى 85.2% كە يەتتى دەپ كۆرسەتكەن.

ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ خىزمەت پوزىتسىيىسى، ئىستىلى ۋە ئۇلارنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرىغا نارازىلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ئىسمىنى ئاشكارىلاشتىن ئېھتىيات قىلغان بىر ئۇيغۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ساقچىلىرى ئارىسىدىكى پارىخورلۇقنى تۈزىتىشىگە پەقەتلا ئىشەنچى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئۇيغۇر يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق رايى ستاتىستىكىسى سۈپىتىدە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغىمۇ گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ستاتىستىكىلار ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ رايىنى ئاساس قىلمىغان دېدى.

باش شتابى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن، خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچى ئەندېرىي ياڭ ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچىلىرى ئارىسىدا پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىدىن ئەجەبلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
‏«خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن خىتايدا پارىخورلۇققا قارشى تۇرىمىز دەۋاتقانلىقى يېڭى گەپ ئەمەس، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكىدىمۇ بۇنى تەكىتلەۋاتىدۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنى تەكىتلىشىنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى يوق، چۈنكى بۇنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ، نېمە ئۈچۈن دېسىڭىز، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ دەپ پۈتۈن ساقچىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارىتىلغان، باشقا مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئەھمىيىتىنى يوقاتقان بۇنداق بىر سىياسىي سىستېمىدا، بۇ ساقچىلار پارىخور بولماي كىم پارىخور بولىدۇ، كىمنى تۇتقۇن قىلسا بولۇۋېرىدىغان، ئۆزى خالىغانچە باستۇرۇش ئېلىپ بارالايدىغان ساقچىلارغا ھەممىدىن يۇقىرى ئىمتىياز ھەم ھوقۇق بېرىلىۋاتقان بۇ سىياسەتنىڭ ئۆزىلا جامائەت خەۋپسىزلىك سىستېمىسىنى بىر پارىخور ئەترىتىگە ئايلاندۇرغان. مېنىڭچە بۇ تەشۋىقاتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.»

ياڭ ئەپەندى خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن ساقچىلاردىكى پارىخورلۇققا زەربە بېرىش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش زۆرۈرىيىتى تۇيغانلىقى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
‏«يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى ئاساسەن ساقچى قوراللىق كۈچلىرىنى نىشان قىلماقتا، بەلكىم خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇراپ ئۆز ئىچىدە بىر قىسىم ھەددىدىن ئاشقان ئىنتىزامسىز ساقچىلارنى ۋە ياكى ئىدىيىسىدىن گۇمان قىلغان بىر قىسىم خادىملىرىنى جازالاش ئارقىلىق خەلقنىڭ نارازىلىقىنى بېسىشنى كۆزلەۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما مېنىڭچە، بۇ ئۈنۈم بەرمەيدۇ، چۈنكى خەلق ساقچىلارنى پەقەت ئۆزىنى باستۇرىدىغان كۈچ، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى ئەڭ قاتتىق ئىجرا قىلىدىغان ۋاسىتە دەپ بىلىدۇ.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك سىستېمىسىدا ساقچىلارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى ئېلان قىلىشىغا قارىتا مۇلاھىزىسىنى ئېلان قىلدى. دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، ئەدلىيە جامائەت خەۋپسىزلىك سىستېمىسى خىتايدىكى پارىخورلۇق ھەممىدىن ئېغىر بىر ساھە، شۇنداقلا ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ قانۇنىغا ئەڭ ئېغىر خىلاپلىق قىلىۋاتقان بىر ئورۇن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك سىستېمىسىدا تازىلاش ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، بەلكىم بۇ باھانىدا ئۆز سىستېمىسى ئىچىدىكى مىللىي ھېسسىياتى كۈچلۈك گۇمان پەيدا قىلغانلارنى تازىلاشنى مەقسەت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.