خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى پەيدا قىلغان ئاپەتلەرنى تەبىئەتكە دۆڭگەپ قويماقچىمۇ؟
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.08.02
2010.08.02
4 يىلدا 3 قېتىم يۈز يىل كېلەمدىكەن؟
ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، گۇاڭدۇڭنىڭ لېچاڭ شەھىرىدىن بىر تورداش بۈگۈن مەن بۇ شەھەردە تۇرۇۋاتقان 4 يىل ئىچىدە، ھۆكۈمەت 3 قېتىم يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن يامغۇر ئاپىتى يۈز بەردى دېدى. 4 يىلدا 3 قېتىم يۈز يىل كېلەمدىكەن؟ ئىنتېرنېتتىن ئۇچۇر ئىزلەش ماتورى بەيدۇ دىن ئاختۇرۇپ باقسام، بۇ يىل ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن دېگەن سۆزنى 4 مىليون 120 مىڭ قېتىم قوللىنىپتۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى 60 - يىللاردىمۇ، چوڭ ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ 30 - 40 مىليون ئادەم ئۆلگەن ۋەقەدىن بۇرۇن، گېزىتلاردا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن تەبىئىي ئاپەت دېگەن سۆزنى ئەڭ كۆپ قوللانغان ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر يەنە كۆپ قوللىنۋاتقان يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان دېگەن سۆزنىڭ كەينىگە نېمە سۈيىقەست يۇشۇرۇنغانلىقىنى بىلگىم كېلىۋاتىدۇ دەپ يازغان.خىتايدا يۈز يىلدا بىر كۆرۈلگەن ئەڭ چوڭ ئاپەت - - - ماركىسىزم ۋە كوممۇنىست پارتىيە
يەنە بىر تورداش بۇ ھەقتە يازغان ئوبزورىدا خىتايدا يۆز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئاپەت - ماركىسىزم ۋە كوممۇنىست پارتىيە. كوممۇنىست پارتىيە خەلققە ئەڭ چوڭ ئاپەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلقنىڭ ئوغلى بولۇش دەپ يالغان تەشۋىق قىلغان. ھازىر يەنە ئۆزى پەن - ئىلىمگە، ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە ۋە تەبىئىي قانۇنىيەتكە خىلاپ ئىش قىلىپ كەلتۈرۈپ چىقارغان بالاي - ئاپەتلەرنى يۆز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئاپەت دېگەن سۆز بىلەن يۇشۇرۇش ئارقىلىق، ئۇنى تەبىئەتكە دۆڭگەپ قوتۇلماقچى بولۇۋاتىدۇ دەپ يازغان.بۇيىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىمۇ يۆز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئاپەت دېگەننى كۆپ قوللىنىۋاتىدۇ
ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، خىتاي بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىمۇ يۆز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان دېگەن سۆزنى كۆپ قوللاندى. مەسىلەن شىمالدا يۆز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان قار ئاپىتى يۈز بەردى، جەنۇبتا يۆز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان قورغاقچىلىق بولدى دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن شىمالدا يۈز بەرگەن تاشقىننىمۇ يۆز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان تاشقىن دېدى. جايلاردا چىققان بوراننىمۇ يۆز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان قۇم، بوران،دېدى.ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئالدى بىلەن باي ۋەقەسىنى ئەسلىدى
تۈركىيىدىكى تەكلىماكان نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، ئالدى بىلەن خىتاي پەيدا قىلغان باي ۋەقەسىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئاندىن مۇلاھىزىسى ئارقىلىق، يۈز بەرگەن ھەر قانداق ۋەقەگە ھۆكۈمەت ئۆزى تەدبىر ئېلىشى، مەسئۇل بولۇشى، ئاندىن بۇنىڭدىكى تەقدىرگە دائىر ئامىللار ھېسابقا ئېلىنىشى لازملىقىنى، بۇ تارختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنە ئىكەنلىكىنى شەرھىيلەپ كۆرسەتتى.يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.