خىتاينىڭ 'ئامېرىكىغا جازا قوللىنىمىز' دەپ جار سالغانلىقى چوڭ قۇرۇقلۇقتا خەلققە قارىتا تېرە تاراقلاتقانلىق

خىتاي بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە 64 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق زامانىۋىي ھەربىي قورال ساتقانلىقىغا قاتتىق غەزەپلىرىنى ئىپادىلىدى. بۇ، خىتاينىڭ تېرە تاراقلاتقانلىقىمۇ ياكى خىتاينىڭ ئامېرىكىنى جازالىغۇدەك ئىقتىدارى بارمۇ؟

0:00 / 0:00

بۇ ھەقتە تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن باۋخۇا ۋە خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'شەپە' ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغدىشى ئۈچۈن 64 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ۋەتەنپەرۋەر 3 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى قالقان سېستىمىسى، قارالاچىن بەلگىلىك تىك ئۇچار، ئوسپراي دەرىجىلىك مىنا تازىلاش پاراخوتى قاتارلىق زامانىۋىي ھەربىي قوراللارنى سېتىپ بەرگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئامېرىكا شىركەتلىرىنى جازالايمىز، دەپ تەھدىت سالغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ شاڭخەيدىن خەۋەر قىلىشىچە، شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئامېرىكا تەتقىقاتچىسى ۋۇ شىنباۋ 'پۈتۈنلەي چەتئەل تېخنىكىسىغا تايىنىپ جان بېقىۋاتقان بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنى جازالىغۇدەك قابىلىيەتكە ئىگە ئەمەس' دەپ بايان قىلغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى ياردەمچىسى ۋاللاس گرېگسون بۈگۈن توكيودا قىلغان سۆزىدە 'ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغدىشىغا ياردەملىشىش مەجبۇرىيىتى بار. بۇ، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى بىر مۇرەككەپ مەسىلە، بىز بۇ مەجبۇرىيىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىمىز' دەپ جاكارلىغان.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاقساراينىڭ باياناتچىىسى روبرت گىببس بۈگۈن كەچقۇرۇن، مۇخبىرلارنىڭ خىتاينىڭ 'تەيۋەنگە قورال ساتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىگە جاز قوللىنىمىز' دەپ تەھدىت سالغانلىقى ھەققىدە سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە 'مەن شەخسەن ئۆزەم، خىتاينى بۇنداق قىلمايدۇ، دېيەلمەيمەن' دېگەن.

ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال ساتقانلىقىدىن خىتاينى خەۋەرلەندۈرگەنلىكى توغرا ئەمەس

ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن باۋخۇانىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم تەيۋەنگە قورال ساتقانلىقىدىن خىتاينى خەۋەرلەندۈرگەنلىكى توغرا ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ ئەسلىدىلا تەيۋەننى قوغدايدىغان قانۇنى بار. بۇ قانۇن بۇيىچە ئىش قىلىۋېرىش كېرەك. خىتاي بۇنىڭغا چات كېرىۋالالمايتتى.

ئەمما ئامېرىكا خىتاينىڭ 'شەيتان ئويۇنى' نى، قۇرۇق تېرە تاراقلىتىپ جان باقىدىغان مىجەزىنى تېخىچە بىلىپ يەتمىگەن بولسا كېرەك. ئوباما خىتايغا بەك كۆپ يول قويۇپ كەتتى، شۇڭلاشقا خىتاينىڭ خورىكى بارغانسېرى ئۆسۈپ قالدى.

خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا ئۇرۇش قوزغىشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ

لىن باۋخۇانىڭ قارىشىچە، تەيۋەن خەلقى ھازىر ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىش قانۇنىنى بەك چوڭ بىلىدۇ، ئەمما پەقەت قورال سېتىپ بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ، زورۈر تېپىلغاندا تەيۋەننى قوغداشقا قاتناشماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. خىتاي بۈگۈن 'ئامېرىكىنى جازالايمىز' دەپ جار سالدى.

تەيۋەن خەلقى خىتايدىن قورقۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا ئۇرۇش قوزغىشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ. چۈنكى خىتاينى ئارام تاپقۇزمايۋاتقان يەنە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بار، تىبەت مەمسىلىسى بار. تەيۋەن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ كۈچىنى تېز تەرەققى قىلدۇرۇشى كېرەك.

ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال ساتقانلىقى تەيۋەن بوغۇزىدىكى كۈچ تەڭلىمىسىنى تەڭشەش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن قوللىنىلغان مۇھىم تەدبىر

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'شەپە' ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم تەيۋەنگە قورال ساتقانلىقى، تەيۋەن بوغۇزىدىكى كۈچ تەڭلىمىسىنى تەڭشەش ئۈچۈن ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن قوللىنىلغان مۇھىم تەدبىر. ئەمما خىتاي بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ بۇ تەدبىرىگە قارشى چىقتى، ھەتتا 'ئامېرىكىنى جازلايمىز' دەپ جار سالدى.

خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان ئاغزىدا 'جۇڭگو تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەت'، 'جۇڭگونىڭ زومىگەر بولۇش نىيىتى يوق' ، 'جۇڭگولۇق جۇڭگولۇق بىلەن ئۇرۇش قىلمايدۇ' دەۋاتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تەيۋەننى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى بىلەن قارىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىدى، مانا ئەمدى خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسى ئاشكارا بولدى، خىتاي دېگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسى يالغانچىلىق ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

خىتاي ئامېرىكا شىركەتلىرىنى جازالىيالمايدۇ

جاڭ ۋېيگو ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئامېرىكا شىركەتلىرىنى جازالىيالمايدۇ. چۈنكى خىتاي 'ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال ساتقان شىركەتلىرىنى جازالايمىز' دەۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ھېچقايسىنىڭ خىتايدا تىجارىتى يوق.

بۇنداق شىركەتكەر نىڭ ھەممىسى، خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش ئۈچۈن جاسۇس ئەۋەتىۋاتقان، قورال سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىندەككە كەلتۈرمەكچى بولغان، ئەمما ئېرىشەلمىگەن شىېركەتلەر. خىتاينىڭ 'ئامېرىكىغا جازا قوللىنىمىز' ، 'تەيۋەنگە قورال ساتقانلىق بۆلگۈنچىلىككە ئىلھام بەرگەنلىك' دەپ جار سالغانلىقى، ئەمەلىيەتتە دۆلەت ئىچىدە خەلققە قارىتا تېرە تاراقلاتقانلىق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.