خىتاينىڭ ئەڭ ئىلغار يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز تېخنىكىسىمۇ كاسات مال بولۇپ چىقتى
2011.07.28

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئېلانلىرىدا ئېيتىلغان «دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز» دېيىلگەن پويىز، 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋېنجۇ شەھىرىدە رېلىستىن چىقىپ كەتكەن، ئۇنىڭ بەزى ۋاگونلىرى كۆۋرۈكتىن ئۇچۇپ سايغا دومىلاپ چۈشكەن. ئۇنىڭ كەينىدىن كەلگەن يەنە بىر دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز قىزىل چىراقتىمۇ توختىماي كېلىپ ئۇنىڭغا سوقۇلغان. 2008-يىلى سەندۇڭدا ئاستا پويىز سوقۇلۇپ كەتكەندە، 70 نەچچە ئادەم ئۆلۈپ، 400 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم خىتاينىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك ئەڭ ئىلغار ئىككى پويىزى ۋېنجۇ شەھىرىدە سوقۇلۇپ كەتكەندە، خىتاينىڭ تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى بۇ ۋەقەنى ئاسماندا چېقىلغان چاقماق پەيدا قىلدى، ۋەقەدە 39 ئادەم ئۆلدى، 200 گە يېقىن ئادەم يارىلاندى، دەپ ئېلان قىلىپلا، ھادىسىگە يولۇققان پاراۋوز ۋە ۋاگونلارنى دەرھال كۆمۈپ تاشلاش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
خىتاينىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقى بولسا، مۇخبىرلارنى نەق مەيدانغا يېقىن يولاتماسلىق، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئاشكارىلىماسلىق، خاتالىقلارنى كولىماسلىق، ۋەقەنى مۇلاھىزە قىلماسلىق، سوئال قويماسلىق كېرەك دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئەمما خىتايدىكى بۇ «ئەڭ ئىلغار تېخنىكا» پەيدا قىلغان ئەڭ خەتەرلىك ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلار، خەلق ئىچىدە يەنىلا ئىنتېرنېت ئارقىلىق تارقىلىپ كەتتى. خەلقنىڭ ئىنكاسلىرى چەتئەللەرگە چىقىپ جىددىي غۇلغۇلا پەيدا قىلىشقا باشلاپ بەش كۈن ئۆتكەندە، خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ، ۋەقەنى يوشۇرماسلىق، ئۇنى تەلتۆكۈس ئېنىقلاش كېرەك، دەپ قويغان ۋە ئون كۈن ئۆتكەندە ۋېنجۇ شەھىرىگە بېرىپ، داۋالىنىۋاتقان يارىدارلاردىن «كېچىكىپ قالدىم» دەپ ئەپۇ سوراپ قويغان.
خىتايدا يۈز بەرگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋەقەسى، خوتەندە يۈز بەرگەن ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، نورۋېگىيىدە يۈز بەرگەن چوڭ پارتلاش قاتارلىق بىر نەچچە ۋەقە، يېقىندىن بۇيان دۇنيانىڭ ئەڭ كۆپ دىققىتىنى تارتقان، يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئابرۇيىنى ئەڭ قاتتىق تۆككەن، تەپسىلاتىنى خىتاي قاتتىق يوشۇرۇۋاتقان ۋەقەلەر بولۇپ قالدى.
ئامېرىكىدىكى مەشھۇر ئىقتىسادىي تەتقىقات ئورنى ئىھس نىڭ خىتاي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى ئالىستار سورنتوننىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، خىتاي ھازىر تۈركىيە، ۋېنسۇئىلا، سەئۇدى ئەرەبستانلاردا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ياساۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ قېتىم ۋەقە چىقارغان پويىز شىركىتى ھەتتا ئامېرىكا بىلەنمۇ توختام تۈزۈپ بولدى. ئەمدى خىتاي دۇنيانىڭ ئۇنى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز تېخنىكىسىغا ئىگە دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىشىدىن بەكلا يېراقلاپ كەتتى دېگەن.
ياپونىيىدىكى ئاتلانتىس مەبلەغ شىركىتىنىڭ باشلىقى ئەدۋېن مېرنېر، خىتاينىڭ تۆمۈر يول تېخنىكىسىنى ئېكسپورت قىلىش پۇرسىتى ھازىر 0 نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى. بازارغا سالغان پايلىرى كاساتلاشتى. خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنى تۆمۈر يول تېخنىكىسىغا ئىگە دۆلەت دەپ باشقىلارنى ئىشەندۈرۈشكە ئازا دېگەندە 20 يىل كېتىدۇ دېگەن.
ب ب س نىڭ مۇنازىرە بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزورلارغا قارىغاندا، ئوقۇرمەنلەر ھازىر، كوممۇنىست خىتاينىڭ ساختا تېخنىكىسىغا، يالغان ئېلانلىرىغا لەنەت ئوقۇشقا باشلىدى. بىر ئوبزوردا مۇنداق دەپ يېزىلغان: ياپونىيىدە 44 يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم پويىز ۋەقەسى يۈز بەردى، بىر قېتىمدا 2004-يىلى پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ۋەقەدە پەقەت پويىز يولىدىن قاراملىق بىلەن ئۆتكەن بىر ئېيىق ئۆلگەن. 2010-يىلى پەقەت رېمونت قىلىنىۋاتقان ۋاگون سوقۇلۇپ كەتكەن. خىتايدا يۈز بەرگەن پويىز ۋەقەسى، خاراكتېرى بۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىخەتەرلىك ۋەقەسى ئەمەس. خىتايدا خىيانەتچى ئەمەلدارلار ئادەتتە ھەممە نەرسىگە سېلىنغان مەبلەغنى ئوغرىلاپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن قۇرۇلۇشلارغا سۈپەتسىز ماتېرىيال سەپلىنىپ قالىدۇ. نەتىجىدە ساپلا ئۆزلۈكىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغان چوڭ كۆۋرۈك ياسىلىۋاتىدۇ. ئۆزلۈكىدىن ئازگال پەيدا بولۇپ قالىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يوللار ياسىلىۋاتىدۇ. يەر تەۋرىمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ خارابىلىككە ئايلىنىپ قالىدىغان بىنالىق مەھەللىلەر سېلىنىۋاتىدۇ. ئاسماندا چاقماق چىقىلسا رېلىستىن چىقىپ ۋاگونلىرى كۆۋرۈكتىن ئۇچۇپ كېتىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار، ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ياسىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن چىققان خەتەرلەرنى ھازىر كۆرۈشكە باشلىدۇق.