ئاۋىسترالىيىدە 'خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ۋە تىبەتنىڭ كېلەچىكى' ماۋزۇلۇق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئاۋسترالىيىدە خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ۋە تىبەتنىڭ كېلەچىكى ماۋزۇلۇق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا، خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىدە تىبەتتە ئالىي ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش مۇمكىنمۇ؟ مۇمكىنچىلىك يوق دېيىلسە، تىبەتنىڭ چىقىش يولى نېمە بولۇشى كېرەك؟ خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى بىلەن تىبەتنىڭ ئالىي ئاپتونومىيىگە ئۆتۈشى ئارىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار؟ قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008.10.06
dalay-lama-usa-305 2007 - ﻳﯩﻠﻰ 17 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺩﺍﻻﻱ ﻻﻣﺎﻏﺎ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻣﯧﺪﺍﻝ ﻫﻪﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

يىغىن ئاۋسترالىيىنىڭ Brisbane شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا مۇھاجىرەتتىكى تىبەت پائالىيەتچىلىرى، خىتاي دېموكراتچىلىرى ۋە ئاۋسترالىيىنىڭ بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزالىرى بولۇپ، 60 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. يىغىندا ئالدى بىلەن ئولىمپىكنىڭ ئالدى - كەينىدىكى خىتاي ۋە تىبەت ۋەزىيىتى، ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى دوكلات قىلىنغان. ئارقىدىن خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى بىلەن تىبەتتە ئالىي ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇھاكىمە قىلىنغان.

يىغىندا خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن Yuan jiesheng سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: " نۆۋەتتە دالاي لاما، ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، بۇ دېگەنلىك، تىبەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىدىن باشقا بارلىق ئىشلىرى تىبەت خەلقى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇشى كېرەك دېگەنلىكتۇر. ئەمەلىيەتتە جۇڭگو دېموكىراتچىلىرىنىڭ تەلەپ قىلىۋاتقىنىمۇ، ھوقۇقنى مەركىزى ھۆكۈمەتتىن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئۆتكۈزۈش، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ھەممىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىش، ھەممىنى باشقۇرۇش ئىستىلىغا خاتىمە بېرىش دېمەكتۇر."

يۈەن جىېشېڭ بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن، دالاي لاما تەلەپ قىلىۋاتقان ھەقلەرنىڭ يالغۇز تىبەت ئۈچۈن ئەمەس، خىتايدىكى بارلىق ئۆلكىلەر ئۈچۈنمۇ كېرەكلىك ھەقلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

يىغىندا يەنە، تىبەت ئاياللار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى سۆز قىلىپ،خىتاي خەلقى بىلەن تىبەت خەلقىنىڭ نەچچە يۈز يىل ئىناق قوشنا بولۇپ ياشىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئىككى مىللەت ئارىسىغا ئۆچ - ئاداۋەت ئۇرۇقى چاچقانلىقىنى، بۇ ۋەزىيەتنى ئوڭشاش مەسئۇلىيىتىنى پەقەت خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يىغىندا يەنە، تىبەت مىللىي ھەرىكىتىنىڭ كۈرەش يولى ھەققىدە قىزغىن مۇزاكىرە داۋام قىلغان. يىغىندا سۆز قىلغان تىبەت ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى، تىبەت ياشلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن، دالاي لامانىڭ تېنچلىق يولىدا مېڭىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ، بۇ نۇقتىدا دالاي لامادىن پەرقلىق مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن. بۈگۈنگە قەدەر دالاي لاما، تېنچلىقنى شەرتسىز ھالدا، تىبەت ياشلار تەشكىلاتى بولسا، تېنچلىقنى شەرتلىك ھالدا تەكىتلەپ كەلمەكتە. ياشلار تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، تېنچلىق يالغۇز بىر تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئەمەس، مەسىلىگە چېتىشلىق ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەگەر بىر تەرەپ تېنچلىق يولىنى ئىنكار قىلسا، ئىككىنچى تەرەپنىڭمۇ تەبىئىىي ھالدا، زوراۋانلىق يولىغا مېڭىش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ.

بۇ قېتىمقى يىغىن ئېچىلىشتىن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغان ۋە كىتابتا، تىبەت مەدەنىيىتىنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقى، دالاي لامانىڭ تىبەتتە ئىپتىدائىي تۈزۈمنى يولغا قويماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئەيىبلەنگەن ئىدى. يىغىندا خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىمۇ تەنقىدكە ئۇچرىغان. تىبەت پائالىيەتچىلىرى، تىبەتتە يولغا قويۇلىدىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئىلغار ياكى قالاقلىقىنى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئەمەس، تىبەت خەلقى باھالىشى كېرەك دەپ بىلدۈرگەن.

يىغىن قاتناشچىلىرى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ يىقىلىشقا مەھكۇم ئىكەنلىكى، بۇنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى بىلەن تىبەتنىڭ ئالىي ئاپتونومىيىگە ئۆتۈشى بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر - بىرىنى شەرت قىلغان سىياسى جەريان ئىكەنلىكىدە ئورتاق پىكىرگە كەلگەن.

يىغىندا يەنە بىر قىسىم ئوخشىمىغان پىكىرلەرمۇ ئوتتۇرىغا چۈشكەن. يىغىندا خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن ۋۇ يوڭ " تىبەت ھەرىكىتى دۇچ كەلگەن ئاچا يول" ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتكەن. ئۇ ماقالىسىدە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى تەختتىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن، يالغۇز تېنچلىق يولىنىڭ ئاجىزلىق قىلىدىغانلىقىنى، تېنچلىق ۋە زوراۋانلىقتىن ئىبارەت ئىبارەت ئىككى خىل يولنى تەڭ قوللىنىش كېرەكلىكىنى بايان قىلغان ۋە خىتايدا پاراكەندىچىلىك تېرىماي تۇرۇپ،، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئەپكەلگىلى بولمايدۇ دەپ ئەسكەرتكەن.
 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.