" مۇستەقىللىققە كوسوۋالىقلار ھەقلىق ئىكەن، تىبەتلىكلەر تېخىمۇ ھەقلىق"

Financial Times گېزىتىنىڭ 8 ‏ - ماي سانىدا، تىبەت مۇستەقىللىقىنىڭ قانۇنىي ئاساسى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنىڭ ئاپتورى Paul Harris خوڭكوڭلۇق بىر ئادۋوكات. ئۇ ماقالىسىدە 1951 ‏ - يىلى تىبەت بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن 17 ماددىلىق شەرتنامە ۋە ب د ت شەرتنامىسىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، تىبەت مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ قانۇنىي ئاساسىنىڭ كوسوۋانىڭكىدىنمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

0:00 / 0:00

ئاپتور ماقالىسىنى تىبەت مەسىلسىى خەلقئارالىق بىر مەسىلە دەپ باشلايدۇ ۋە بۇنىڭ يېقىنقى پاكىتلىرى سۈپىتىدە 14 ‏ - مارت ۋەقەسى ۋە دۇنيادا داۋام قىلغان مەشئەل ۋەقەلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئاپتور ماقالىسىدە، تىبەت 1951 ‏ - يىلى خىتاي ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلغاندا شەرتلىك قوبۇل قىلغانلىقىنى يەنى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا 17 ماددىلىق شەرتنامە تۈزۈلگەنلىكىنى؛ ئەمما خىتاينىڭ بۇ شەرتنامىگە رىئايە قىلمىغانلىقىنى، شۇڭا تىبەتلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى قايتۇرىۋېلىش ھوقۇقى بارلىقىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويغان.

تىبەتلەرنىڭ 17 بېتىمى

ئاپتور تىلغا ئالغان 17 بېتىم 1951 ‏ - يىلى 5 ‏ - ئاينىڭ 23 ‏ - كۈنى تىبەت يەرلىك ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمەت ئارىسىدا تۈزۈلگەن. شەرتنامىنىڭ 3 ‏ - ماددىسىدا، تىبەتتە ئاپتونومىيە يۈرگۈزىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن ؛ 4 ‏ - ماددىسىدا، تىبەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان مەۋجۇت سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، دالاي لامانىڭ ئورنى، ھوقۇقى ۋە رولىغا دەخلى قىلمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. شەرتنامىنىڭ كېيىنكى ماددىلىرىدا تىبەتلىكلەرنىڭ تىلى، يېزىقى، مائارىپى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغانلىقى، ئۆرپ - ئادەت ۋە دىنىي ئەركىنلىك يولغا قويۇلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

ئادۋۇكات پائۇل ھاررىس شەرتنامىدىكى مانا مۇشۇ ماددىلارغا خىتاي تەرەپ ئەمەل قىلمىغىنى ئۈچۈن، تىبەت خەلقىنىڭ 1959 ‏ - يىلى ئىسيان كۆتۈرگەنلىكى ۋە دالاي لاما باشچىلىقىدا 80 مىڭ تىبەتلىكنىڭ ھىندىستانغا ھىجرات قىلغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن: شەرتنامىنى بۇزغان تەرەپ خىتاي، شۇڭا تىبەتتىكى خىتاي ھاكىمىيىتى ماھىيەت جەھەتتىن مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت.

" تىبەت جۇڭگونىڭ بىر پارچىسى دېيىش ئاقمايدىغان گەپ "

ئاپتور خىتاي تەرەپنىڭ شىزاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى دېگەن قارىشىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئەگەر بۇ توغرا دەپ قارالسىمۇ،خىتاينىڭ تىبەتتىكى ھاكىمىيىتىنى قانۇنىيلاشتۇرۇشقا ئاساس بولالمايدۇ دەپ ئەسكەرتىدۇ ۋە مۇنداق يازىدۇ: تارىختا مىللەتلەر بىر - بىرىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشايدىغان ئەھۋال كۆپ بولغان.

يېقىننىلا مىسالغا ئالساق، ئالجىرىيە فرانسىيىنىڭ بىر پارچىسى ئىدى، فىنلاندىيە رۇسىيىنىڭ بىر پارچىسى ئىدى، كورىيە ياپونىيىنىڭ بىر پارچىسى ئىدى. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ب د ت قۇرۇلغان چاغدا، دۆلەتلەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى ھۆكۈمرانلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ۋە قىسمەن مەدەنىيەت ئورتاقلىقىغا تايىنىپ تۇرۇپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ب د ت شەرتنامىسىدا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بارلىقىنى بەلگىلىگەن. دۇنيا شەرتنامىنىڭ بۇ ماددىسىغا تايىنىپ تۇرۇپ گېرمانىيە ۋە ياپونىيىنىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە خاتىمە بەرگەن.

ئاپتور يەنە مۇنداق يازىدۇ: ئەلۋەتتە، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش دېگەنلىك مۇستەقىل بولۇش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى مۇستەقىل بولۇش ‏ - بولماسلىقنى ئۆزى تاللاش دېگەنلىك. شەرتنامىدىن قارىغاندا، تىبەتلىكلەر ئەينى چاغدا خىتاي بىلەن بىللە ياشاشنى تاللىغان، بىللە ياشاشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندە، ئايرىم ياشاشنى تەلەپ قىلغان، بۇنىڭ ئەجەبلىنىدىغان ۋە ئەيىبلىنىدىغان ھېچبىر يېرى يوق. بۇ تەلەپ تامامەن ھەقلىق ۋە قانۇنىي.

" مەسىلە تىبەتتە ئەمەس، جوڭگۇلۇقلارنىڭ كاللىسىدا "

ئاپتور ماقالىسىدە، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى بۈگۈن 40 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ، جۈملىدىن تەرەققىي تاپقان يەتتە دۆلەتنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، ئەگەر، تىبەتلىكلەر مىللىي كىملىكى، تارىخى ۋە مىللىي كۈرىشى ۋە ئۇلار يولۇققان مىللىي كەمسىتىش كوسوۋالىقلارغا سېلىشتۇرۇلسا تىبەت مۇستەقىللىق مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇنىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئادۋوكات پائۇل بۇ ماقالىسىنى ئېلان قىلغان كۈنى تيەن شىن ئىسىملىك بىر خىتاي زىيالىسىمۇ، بوشۈن تور بېتىدە تىبەت مۇستەقىللىقى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇ ماقالىسىدە، خىتاينىڭ دالاي لامانى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلدى دەپ ئەيىبلىشىنى، قالاقلىق دەپ تەنقىد قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: بۈگۈن كانادادا كيۇبەك رايونى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، شىمالىي ئىرلاندىيىمۇ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئايرىم شتاتلىرىدىمۇ بۇ خىل ئەھۋال مەۋجۇت.

بۇ دۆلەتلەردە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغانلار،تەنقىدلىنىش ۋە جازالىنىش ئەمەس، ئۆزى ئايرىلماقچى بولۇۋاتقان دۆلەتتە ھوقۇق تۇتۇۋاتىدۇ. دېمەك بۇ يەردىكى مەسىلە تىبەتتىكى مەسىلە ئەمەس، ئەمەلىيەتتە جوڭگۇلۇقلارنىڭ كاللىسىدىكى مەسىلە يەنى ئاڭ مەسىلىسى.

ئۆتمۈش بۇيرۇق ئەمەس، بەلكى دەرس

ئادۋوكات پائۇل خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر پارچىسى دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، زۆرۈرىيەتسىز ۋە ئەھمىيەتسىز دەپ كۆرسىتىدۇ.

چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە، ھاكىمىيەتلەرنى قانۇنىيلاشتۇرىدىغان تارىخ ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمرانلىق قىلىنىۋاتقان خەلقنىڭ ئىرادىسىدۇر. تىبەتلىكلەرنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنى خالىمايدىغانلىقى دۇنياغا ئايان بولدى: ئەگەر خىتاي تىبەتتە تارىختىن بۇيان ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقسا ئۇ چاغدا، خىتاينىڭ تىبەتلىكلەرنى تارىختىن بۇيان ئېزىپ كەلگەنلىكى ئىسپاتلانغان بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتا، خىتاينىڭ تىبەتتىن تېخىمۇ بالدۇر چېكىنىپ چىقىشى كېرەكلىكى ۋە ئۆتمۈشتە سالغان زۇلۇمى ئۈچۈن تۆلەم تۆلىشى كېرەكلىكى ئىسپاتلىنىپ چىقىدۇ.

ئاپتور تارىختا 2000 يىلغا يېقىن بىللە ياشىغان ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيىنىڭ بۈگۈن ئايرىم ياشاۋاتقانلىقىنى يۇقىرىقى پىكىرلىرىگە ئاساس قىلىپ كۆرسىتىدۇ.