خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا پۇل تارقاتتى
2012.12.28

يىلدا ئىككى قېتىم تارقىتىلىدىغان ياردەم پۇلىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەربىر ئوقۇغۇچى بىر يىلدا پەقەت بىرلا قېتىم ئىلتىماس قىلالايدىكەن. بۇ ئۈچىنچى قېتىملىقى بولۇپ، «تۈركىيە خىتاي دوستلۇق فوندى» دە ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش مۇراسىمىغا خىتاي تەرەپتىن نۇرغۇنلىغان مۇخبىرلار مەخسۇس ئەكەلدۈرۈلگەن بولۇپ، ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ھەققىدىكى خەۋەرنى خىتاينىڭ ھەرقايسى رەسمىي ئاخبارات ئورگانلىرى مەخسۇس خەۋەر قىلىپ تارقاتقان.
ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاجرىتىلغان ئوقۇش ياردەم پۇلى سوممىسى 1000 دوللار بولۇپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىغا بىر يىلدا بىر قېتىملا تارقىتىلىدىكەن. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىرىگە ھەرئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 750 تۈركىيە لىراسى (440 دوللار) بېرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دوكتور ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردەم پۇل سوممىسى 1000 لىرا (600 دوللار)، ماگىستېر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردەم پۇل سوممىسى 750 لىرا(450 دوللار)، باكلاۋېر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردەم پۇل سوممىسى 500 لىرا( 300 دوللار)نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاتالمىش شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىر ئوقۇغۇچىغا بىر يىلدا تارقىتىدىغان ئوقۇش ياردەم پۇلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بېرىدىغان دۆلەتلىك ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەشتىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيدىكەن. تۈركىيىدەك بىر دۆلەتكە نىسبەتەن 1000 دوللار پۇل تېجەپ ئىشلەتكەندە بىر ئوقۇغۇچىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا پەقەت ئۈچ ئايلا يېتىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا كەم دېگەندە 3000 دوللار ) پەقەتلا تۇرمۇش پۇلى( يېتىشى مۇمكۈن.
خىتاي مەخسۇس ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان «چەتئەلدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش» سىياسىتىنى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلىغان بولۇپ، ئوقۇش ياردەم پۇلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ھەرقايسى مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا تارقىتىلىدىكەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بۇ پۇلنى تارقىتىشتىكى مەقسىتى نېمە؟ بۇنى تۈركلەرگە مەخسۇس ۋەقىپ قۇرغۇزۇپ ۋەقىپ ئارقىلىق تارقىتىشتىكى مەقسىتى نېمە ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىل ئوقۇغۇچى ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى ۋە پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەتلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.