تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرىنىڭ ئۈرۈمچى سەپىرىنىڭ پەردە ئارقىسى

ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە تۈركىيە، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق بىر دۆلەت، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى ۋە تۈرك خەلقىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى يۆلەنچۈكى دەپ قارىماقتا. يەنە كېلىپ تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار قېرىنداش، تۈركلەرنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئاناتولىيىگە كېلىپ يەرلىشىپ قالغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.05

 نۇرغۇنلىغان تۈرك شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئۆز مەسىلىمىز دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بولسا ئۇيغۇر خەلقى بىلەن تۈرك خەلقى يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئەڭ نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا نەزەر سالغاندىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىدە تۈركىيە ۋە تۈرك خەلقىنىڭ باشتىن - ئاخىرى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
 
خىتاي ھۆكۈمىتى 2000 - يىللاردىن كېيىن تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. 2001 - يىلى تۈركىيە باش مىنىستىرى ياردەمچىسى دۆلەت باھچەلىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىن كېيىن، يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەت يېقىندا 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ زىيارەت جەريانىدا تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى كۈرشات تۈزمەن ئۈرۈمچىنى يەرمەنكىسىگە قاتناشقاندىن باشقا، خىتاي ئالىي رەھبەرلەر ۋە شىركەت مەسئۇللىرى بىلەنمۇ ئۇچراشقان. مەخمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ مازىرىنى زىيارەت قىلغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، بۇ قېتىمقى زىيارەتتە كۈرشات تۈزمەننىڭ يېنىدا بولغان بىر رەھبەر، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنىڭ بەكلا تەرەققى قىلىپ كەتكەنلىكىنى، خىتايلارنىڭ تۈركلەرنى بەكلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيىنىڭ بەك چوڭ بىلىدىغانلىقىنى، تۈرك كارخانىچىلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تىجارەت قىلىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارغا ئالاھىدە سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى دېگەنلىكىنى دېدى. ئۇ يەنە تۈركىيە ئۈرۈمچىدە سودا - سانائەت رايونى قۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن توختامنامە تۈزۈلگەنلىكىنى، مەخمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈف خاس ھاجىپلارنىڭ مازىرىنى رېمونت قىلىش توختامنامىسىگىمۇ قول قويۇلغانلىقىنى، ئەمما خىتايلارنىڭ بۇ ئۇچرىشىشلاردا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قەشقەر زىيارىتى جەريانىدا، قەشقەر ۋالىسى ئەكپەر غوپۇر ئۆمەككە زىياپەت بەرگەن. زىياپەتتە سۆز قىلىپ، "تۈرك قېرىنداشلىقىمىز بىلەن بولغان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەر ساھەدە ھەمكارلىشايلى. قەشقەردە تۆمۈر كانلىرى بار، ئەمما بىرلا تۆمۈر زاۋۇتىمىز بار، قەشقەرگە كېلىپ تۆمۈر زاۋۇتى قۇرۇڭلار ،" دېگەن.

بۇرۇندىن تارتىپ تۈركىيەنى، خىتاينى پارچىلاشقا ئۇرىنىۋاتقان دۆلەت دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، ئەمدى بولسا تۈركلەرنى بۇ رايونغا كېلىشكە چاقىرماقتا، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرك گراجدانلىرى ئۇيغۇرلارنى ۋە تۈركلەرنى ئۈرۈمچىگە كېلىپ زاۋۇت قۇرۇشقا چاقىرماقتا. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدا نېمىلەر بار؟

1980 - يىللاردا تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىنى باشلاتقان سابىق سەھىيە مىنىستىرى ھالىل شىۋگىن ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "مەن كۈرشات تۈزمەن بىلەن بىللە ئىدىم. مەن ھازىرمۇ خىتايدا. بۇ بىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى. خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز ۋە تىجارىي مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىشىمىز كېرەك. ھۇشيارلىق بىلەن بۇ ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتسەك ئۇيغۇرلارغىمۇ، تۈركلەرگىمۇ پايدىسى بار. بۇ مۇناسىۋىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىشىمىز كېرەك. تۈركلەر ئۇيغۇر رايونىغا ئۇيغۇرلار تۈركىيىگە كېلىپ تىجارەت قىلىشى كېرەك. تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپىيىشى كېرەك. بۇ زىيارەتنىڭ پەردە ئارقىسىدا بىزنىڭ 1980 - يىللاردىن تارتىپ بۇ رايونغا كىرىش ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىمىز بار. مەن يەنە شۇنى دېمەكچىمەنكى ئەگەر ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ سىياسەت ئېلىپ بارساق بۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغىمۇ، تۈرك خەلقىغىمۇ پايدىسى بولىدۇ."
 
بەزى ئۇيغۇر ئوبزورچىلار تۈركلەر ئۈرۈمچىدە كارخانا قۇرسا ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق پايدىسى يوق دەۋاتىدۇ؟ بۇنىڭغا قانداق قارايسىز دېگەن سوئالىمىزغا شۇنداق جاۋاب بەردى: "مەن بۇ كۆز قاراشقا قوشۇلمايمەن. بۇنداق ئىش يوق. تىجارىي مۇناسىۋىتىمىز تەرەققىي قىلسا ئۇيغۇرلارغا پايدىسى بار. مەن 1984 - يىلى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر دىيارىغا باردىم. ئۆزگىرىش ناھايىتى زور، تۈركىيە بۇ رايونغا كىرىشى كېرەك."
 
بىز بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئانالىزچى ۋارىسجان ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.