ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسى: «توردىن چۈشۈپ قالغان 505 نەپەر قاچقۇن قولغا چۈشتى»
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2011.12.22
2011.12.22
AFP Photo
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 22-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرىغا قارىغاندا، بۇ 505 نەپەر قاچقۇن ئىچىدىكى 118 كىشى قاتىللىق جىنايىتى سادىر قىلىپ قېچىپ كەتكەنلەر ئىكەن. بىراق ئۇلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكى، كىملىكى، جىنايەت جەريانى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر يوق.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسى يەتتە شەھەردىكى ساقچى ئورگانلىرى بىلەن بىرلىشىپ، «سۈزۈك تور ھەرىكىتى» ناملىق قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 26-كۈنى باشلاپ، 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاخىرلاشتۇرغان. يەتتە شەھەردە «مۇستەھكەم قورغانغا ھۇجۇم قىلىش» گۇرۇپپىسىدىن 54 ئى قۇرۇلغان. ھەرىكەتكە 139 قابىل قوماندان يېتەكچىلىك قىلغان. 500 دىن ئارتۇق ساقچى بۇ قېتىمقى قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. نەتىجىدە، ھازىرغا قەدەر پاش بولمىغان ئەنزىلەر پاش قىلىنىپ، قاچقۇنلاردىن 505 نەپەر كىشى قولغا ئېلىنغان. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تېلېگرامما يوللاپ، خىزمەت كۆرسەتكەن ساقچىلارنى تەقدىرلىگەن. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى قوغلاپ تۇتۇشتا قولغا كەلگەن غەلىبىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.
خەۋەردىن قولغا ئېلىنغان 505 نەپەر ئادەم ئىچىدە 118 كىشىنىڭ قاتىللىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ قېچىپ كەتكەنلىكى مەلۇم. ئۇنداقتا بۇ 118 نەپەر قاتىل كىملەرنى ئۆلتۈرۈپ قېچىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن؟ بۇ يىل ياز قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنىڭ خىتاي ساقچى، پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش، ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، 50تىن ئارتۇق خىتاي پۇقراسى ۋە ساقچىلىرى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ 118 نەپەر كىشىنىڭمۇ خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئۇيغۇر پىدائىيلىرى بولۇش ئېھتىمالى بارمۇ؟ د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قارشى كۈچلەر بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاخباراتنى قاتتىق قامال قىلىش سەۋەبلىك ناھايىتى ئاز ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل باستۇرۇشلارغا تايىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى يوقىتىش مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان بۇ ھەرىكەت، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يېقىندا باشلىغان 100 كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىن ئايرىم ھەرىكەت بولۇپ، بۇنداق ھەرخىل ناملاردىكى تۇتقۇن قىلىش، زەربە بېرىش زوراۋانلىقى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە داۋاملىق يۈز بەرمەكتە. بۇ مەلۇمات ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ۋەزىيەتنىڭ يەنىلا جىددىيلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ مىڭشەن 21-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ساقچىلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا، بۇ قېتىمقى «سۈزۈك تور ھەرىكىتى» ناملىق قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ، ساقچى بىلەن ھەرساھە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەم مەخپىي دائىرىلەر ئەڭ زىچ ھەمكارلاشقان، رايون ھالقىپ، 27 ئۆلكىنىڭ ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن تارىخىي بىر ھەرىكەت بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان.