ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمى ھەققىدە توختالدى

AFP Photo
پىكىر ئەركىنلىكى ھەممىدىن ئالىي ئورۇندا تۇرىدىغان بۈگۈنكى 21 - ئەسىردە، خىتاينىڭ مەخسۇس خاككېرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۆز سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن شەخس ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئىنتېرنېت ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۈز قىلىشى نۆۋەتتە مۇتەخەسسىس، ئادۋوكات ھەتتا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلمەكتە.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى قەيسەر ئابدۇرۇسۇل ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىلەرنىڭ خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى ھەققىدىكى قاراشلىرى توغرىسىدا، ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.